شەرقىي شىمال خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى لياۋنىڭ-شېنياڭ ئۇرۇشىدا جىنجۇغا ھۇجۇم قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
1946-يىلى 6-ئايدا، گومىنداڭ خەلق ئىنقىلابىي كۈچلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇشنى قوزغىدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان خەلق ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلىرى گومىنداڭنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تەيۋەن قاتارلىق ئاراللاردىن باشقا پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنى ئازاد قىلدى. خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس تىكلىدى.
1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى