خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئىيۇن، تۈندىكى چاقماق كورلا ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتتى. شۇ كۈنى كېچىدىن 19-ئىيۇن سەھەرگىچە، كورلىدا گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغدى. بۇ كۈنى بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى، بۈگۈر ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا چاقماق، بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى