خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- ئىيۇن، شىنجاڭ قارامايلى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، دۇنيادىكى بىردىنبىر خاتىرىلەنگەن پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ قوشكېزەك تايچىقى تۇغۇلغىنىغا بىر ئاي بولغان بولۇپ، قوشكېزەك تايچاقلارنىڭ ھەممىسى چىشى ئىكەن.
پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى دۇنيادا بىردىنبىر مەۋجۇت بولغان ياۋا ئات، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە بىر مەھەل يوقىلىپ كەتكەنىدى. پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى ئىلگىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدا ياشايدىغان بولۇپ، لېكىن 100 نەچچە يىل ئىلگىرى، چەت ئەل ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئۆز يۇرتىدا يوقىلىپ كەتكەنىدى. 1986 - يىلى، جۇڭگو ئورمانچىلىق تارماقلىرى ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 18 تۇياق پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنى جۇڭغار ئويمانلىقى قارامايلى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكىنىى مۇھاپىزەت قىلىش رايونىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن ھەم ياۋايىلاشتۇرۇپ بېقىش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، تەبىئەتكە قايتىپ كەلگەن. 2001 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ياۋايىلاشتۇرۇپ كۆپەيتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ سانى 159 تۇياققا يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى