ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يېڭى بېكىتىنى زىننەتلەش ئىشلىرى يېقىندا ئاياغلاشقان بولۇپ، كەڭ، ئازادە كۈتۈش زالىدىكى ئاددىي ئۇسلۇبلۇق زامانىۋى ئەسلىھەلەر ئىشلىتىشكە تەييارلانغان. مۇخبىر 15-ئىيۇن ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يېڭى بېكىتىنى زىيارەت قىلغاندا، تېخنىك خادىملارنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى، 100 گە يېقىن تازىلىق خادىملىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.
يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېكىتىنىڭ بېلەت سېتىش زالىدا 13 كۆزنەك، سەككىز ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بېكەتنىڭ جەنۇب تەرىپىدە يەنە 10 ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى بار بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭى بېكەت قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە تەڭشەش باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.