خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، نۇرغۇن كىشىلەر سامسا يەپ بىر كۈنىنى باشلايدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر قايسى مىللەتلەر سامسىنى ياخشى كۆرىدۇ. قەشقەرنىڭ سامسىسى شىنجاڭ بويىچە تېخىمۇ داڭلىق.
قەدىمىي سامسىخانىدا ھەر كۈنى 3000 دىن 5000 غىچە سامسا سېتىلىدۇ، بىرسى تۆت يۈەن. ھازىرقى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سامسىنىڭ قىيمىسى قوي گۆشى بىلەن پىيازدىلا قىيما قىلىنىدۇ.
قەدىمىي سامسىخانىنىڭ سامسىسى ئەنئەنىۋى يېقىش ھۈنىرىنى ساقلاپ قالغانلىقتىن، قەشقەردە داڭقى بار. كونا شەھەرگە كەلگەنلەر چوقۇم بۇ سامساخانىنىڭ سامسىسىنى يېمەي قالمايدۇ. سامسىسى چوڭ ھەم تەملىك، گۆشى جىق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى