خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) شىنجاڭ «ئىلچى» كىيىم - كېچەك مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 2016 - يىللىق كۈزلۈك ۋە قىشلىق يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 5 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلغىنىغا 15 يىل بولغان «ئىلچى» شىركىتىنىڭ «ئىلچى» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىن ھالقىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلەنگەن داڭلىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى. شۇ كۈنكى پائالىيەتتە، شىركەتنىڭ بۇ يىللىق يېڭىدىن بازارغا سالغان يېڭى پاسوندىكى 90 يۈرۈش كىيىم-كېچىكى كۆرسىتىلدى.
سۈرەتتە: مودېلللار يېڭى پاسۇندىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرسەتمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى