خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇن، مېسسى (ئوتتۇرىدا) ۋە ئۇنىڭ دادىسى سوت مەيدانىدا. شۇ كۈنى ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى مېسسى باج ئوغرىلاش دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونادا سوتقا چىقتى. مېسسى ۋە ئۇنىڭ دادىسى 2007-يىلدىن 2009-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىسپانىيە باج ئورگانلىرىنى ئالداپ، 4 مىليون 100 مىڭ ياۋرو باجدىن قاچقان، دەپ ئەيىپلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى