باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مائارىپنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ (1)

ــــــ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئابدۇرېھىمنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى توغرىسىدا

2016.06.03 14:04   مەنبە: خەلق تورى

مائارىپنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى) 29- ماي كەچ، يەكەن ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر شۇ كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن، قاغىلىق، قەشقەر يېڭىشەھەر، يېڭىسار، مارالبېشى قاتارلىق بەش ناھىيەسىدىكى مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل ئاساسلىق رەھبەرلەرنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، ھەرقايسى ناھىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپ خىزمىتى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى، قوللانغان تەدبىرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەكىتلەپ: ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايون مائارىپىغا قىلىۋاتقان زور غەمخورلۇقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە، باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان، كەسىپكە پۇختا، شىنجاڭچە تۆتتە ياخشى» ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، تېرىشىپ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى. ئوقۇتقۇچىلار مۇھىم سۆزنى داۋاملىق ئۆگىنىپ ھەر دەرىجىلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ مۇھىت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ۋە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تولۇق تونۇپ يىتىشى كېرەك، دېدى.

  تۇرسۇن ئابدۇرېھىم يىغىندا بىر يېزىدىكى بىر مەكتەپ بىر ماياك، بىر مەدەنىيەت تارقىتىش بازىسى، بىر ئەخلاق مەكتىپىلىك رولىنى ئوينايدۇ، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ جەمئىيەتتىكى تەسىرى بىلەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش ئىقتىدارى بار. شۇڭا ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەر، يېزا -بازارلىق ھۆكۈمەتلەر مەكتەپلەرنى پىلانلىغاندا مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ خىل رولىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ئەتىسى سەھەردىن باشلاپ نازىر تۇرسۇن ئابدۇرېھىم يەكەن ناھىيەسىنىڭ دۆڭباغ، خاڭدى، ئىلىشقۇ، قوشئىرىق، بەشكەنت قاتارلىق يېزا بازارلىرى ۋە ناھىيەلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مەكتەپلەرنىڭ پىلانلىنىشى، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان تۈرلۈك ياردەم تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، قوش تىل مائارىپنىڭ تەرەققىياتى، ئوقۇتۇش سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سىنىپ، ئىشخانا، ياتاق، ئاشخانا تەجرىبىخانا، ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ئۆيى قاتارلىق ئورۇنلارغا بىرمۇ-بىر كىرىپ، مەكتەپ ئىچىنىڭ لايىھەلىنىشى، ئوقۇتۇش رايونىنىڭ پىلانلىنىشى، مائارىپ بايلىقىنىڭ دەل جايىغا ئىشلىتىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق سۈپىتى، ئوقۇتۇش شارائىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى قاتارلىقلارنى ئىزقوغلاپ تەكشۈردى. نازىر تۇرسۇن ئابدۇرېھىم سىنىپلارغا كىرىپ دەرسلىكلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، نەق مەيداندا مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…
    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…
    ·ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
    ·مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى