25-ماي، ماڭگو خۇيۈ 2016-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ SS8 مۇسابىقە بۆلىكىدە ماھىرلار كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ مۇسابىقىلەشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ماي، ماڭگو خۇيۈ 2016-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ SS8 بۆلىكى مۇسابىقىسى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى تەكشۈرۈش پونكىتىدىن باشلىنىپ، لوپ ناھىيەسىدىكى مازار تاغدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقە بۆلىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى تەبىئىي مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل جايلاردىن ئۆتىدىغان مۇسابىقە بۆلىكى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 288 كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇسابىقە لىنىيەسى كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ يول بويى غەربكە قاراپ، يەنە شىمالغا قايرىلىپ قۇملۇق، توغراقلىق، سازلىق، دەريانى بويلاپ ماڭىدۇ. بۇ، تەكلىماكاننى ئايلىنىش مۇسابىقىسىدىكى نۇرغۇن گۈزەل رىۋايەتلەر بارلىققا كەلگەن جاي. 2007-يىلىدىكى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىدە كېرىيە دەرياسى مۇسابىقە بۆلىكى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە بۆلىكى بۇ يىل يەنە قايتا ئىشلىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى