خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش يازدا شىنجاڭنىڭ نىلقا ناھىيەسى تاڭبالى يايلىقىنىڭ مەركىزىدىكى بۇرۇلساي جىلغىسى ئۆزگىچە گۈزەللىككە تولدى. تاغ باغرىدىكى كىمخابتەك قويۇق ئوت - چۆپلەر، رەڭگارەڭ گۈللەر، ئاپئاق قار قاپلىغان تاغ چوققىسى، قەد كۆتۈرگەن شەمشادلار، تىنىق كۆك ئاسمان بىرلىشىپ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە سۈپىتى ئەڭ ياخشى، راك كېسىلىنى قوشۇمچە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تۆۋەن دېيتېرىي سۈيى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر تەركىبىدە گۈڭگۈرت بولمىغان ئارىشاڭ مۇشۇ يەردىن باشلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى