باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2016.04.29 14:54   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( ئۆز مۇخبىرىمىز مەرھابا خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن قانات يايدۇرغان ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 28-ئاپرېل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىملىق ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ يىفۇ » تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق تەۋەلىكىدىكى بىر قىسىم كارخانا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، شۇنىڭدەك مائارىپ ۋە سەھىيە كەسپىي ئورۇنلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 46 ئورۇن ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان، جەمئىي 400 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى تەسسىس قىلىنغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە بېيجىڭدىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە، ئەتراپتىكى چاڭچۈن، شېنياڭ، دالىيەن، شىجياجۇاڭ قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشقان. تىزىملىتىشقا كەلگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ جۇڭگو كانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى كان ئېچىش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتى قەشقەرگە قايتىشنى خالايدىكەن، شۇڭا بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتتىن خەۋەر تېپىپ، تىزىملاتقىلى كەلگەنىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار قوللىغان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ھەرتەرەپلەردىن ياردەم بەرگەن ۋە قوللاپ قۇۋەتلىگەن. بۇ پائالىيەت 28- ئاپرېل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، يەنە 4- ماي نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 7- ماي شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. تەكلىپ قىلىش ئوبيېكىتلىرى ئاساسلىقى بېيجىڭ، نەنجىڭ، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەر ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كەسپىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخى قاتلىمىدىكىلەر بولۇپ، قىزىققۇچىلار كونكرېت ئىش ئورنى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn) دىن كۆرسە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللىگەن مەخسۇس تەكلىپ قىلىش بولۇپ، بۇ تەكلىپ قىلىش خىزمەتچى تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن بىلەن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا يۈز تۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، تەكلىپ قىلىش تەرتىپى نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرۇش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈز تۇرا ئىمتىھان، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، يازما ئىمتىھان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان مەكتەپتە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش تەشكىللىنىدىكەن. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن، ئوخشاش شەرتتە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئالدىن ئويلىشىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
      ·جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم–پەن تەتقىقات مەركىزى قۇردى
      ·ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەز…
      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…