مەمتىمىن روزىمۇھەممەد 1962-يىلى 2-ئايدا خوتەن چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسىدا ئىلىم سۆيەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھازىر ئۇ چىرا ناھىيەسى دامكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، قوشۇمچە مەكتەپنىڭ فوتوگرافى ھەم تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ ئىشلەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا خەنزۇ تىلى ۋە كومپيۇتېر ئۆگەندى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپ ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان فوتو سۈرەتچىلىك تېخنىكىسىنى تېزلا ئۆگىنىۋالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يېزا مەنزىرىسى، دېھقانلار تۇرمۇشى چىنلىق بىلەن كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولىدۇ.
تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى