باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىدا بېرىلگەن

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(3)

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ

2016.03.18 17:58   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3. 2016 – يىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى باشلانغان يىل، شۇنداقلا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتا، تەرەققىياتقا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا ماسلىشىپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم، كەسىپ سىياسىتى دەل، مىكرو سىياسەت جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي، ئىجتىمائىي سىياسەت كاپالەتلىك بولۇش ئومۇمىي تەپەككۇرىنى يولغا قويۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدىكى ھەرىكىتىنى ساقلاپ، تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى راسا كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇدرىتىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى، ئامبار قالدۇقىنى قىسقارتىش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى ۋە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى كۈچەيتىش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى باشلاشقا تىرىشىش لازىم.

  بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 تىن %7 كېچە ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىش ھەجىمى %3 ئەتراپىدا بولۇش، شەھەر – بازارلاردا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ئىمپورت – ئېكسپورت مۇقىملىشىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، خەلقئارا كىرىم – چىقىمنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئاھالە كىرىمى بىلەن ئىقتىساد ئاساسەن ماس قەدەمدە ئېشىش. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3.4 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى داۋاملىق ئازايتىش.

  ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى %6.5 تىن %7 قىلىپ بېكىتىشتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلدى. بۇنداق بېكىتىش بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشكىمۇ پايدىلىق. مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. %6.5 تىن %7 كېچە بولغان ئېشىش سۈرئىتىدە بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ھەر تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغاندا، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قىيىنچىلىق تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ زور، خىرىس تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا قاتتىق جەڭ قىلىشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك. خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشى، جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا سودىنىڭ ئېشىشى پەسىيىپ كەتتى، پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋە كۆپ مىقدارلىق تاۋار بازىرى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ خەۋپ – خەتىرى كۈچىيىۋاتىدۇ، تاشقى مۇھىتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلغان زىددىيەت ۋە خەۋپ – خەتەر يەنىمۇ نامايان بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا خوت يۆتكەش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە تولغاق تۇتۇش ۋە تەرەققىياتتا كونا قۇدرەت ئورنىغا يېڭى قۇدرەتنى ئالماشتۇرۇش ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىۋاتىدۇ. ئەمما قىيىنچىلىق ۋە رىقابەت قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئىلگىرىلەپ كەلگەن، ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان يوق. كۆپ يىللىق تېز تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ماددىي ئاساسى پۇختىلاندى، ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئىمكانىيەت زور، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلۇۋاتىدۇ، ماكرولۇق تەڭشەشنى يېڭىلاشتا مول تەجرىبىلەر توپلاندى. بولۇپمۇ بىزدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى، ئەمگەكچان ۋە ئەقىل – پاراسەتلىك جۇڭگو خەلقى بار. بىز ھەممەيلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغانلا بولساق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يىللىق نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز.

  بۇ يىل مۇنۇ سەككىز جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيمىز.

  (1) ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدىكى ھەرىكىتىنى ساقلايمىز. ماكرولۇق تەڭشەشتە بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىمىز ۋە زاپاس سىياسىتىمىزمۇ بار، ھەم ھازىرقىنى ئاساس قىلىپ، نىشانلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرىمىز، ھەم يىراقنى كۆزلەپ، كېيىنگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمىز ۋە پۇرسەت يارىتىمىز. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دائىرىلىك تەڭشەش، نىشانلىق تەڭشەش ۋە ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، مالىيە سىياسىتى، پۇل سىياسىتى ۋە كەسىپ، مەبلەغ سېلىش، باھا قاتارلىق سىياسەت قورالىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، بولۇپمۇ تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىمىز.

  ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە سالماقنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل مالىيە قىزىل رەقىمى 2 تىرىليون 180 مىليارد يۈەن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقىدىن 560 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ، قىزىل رەقەم نىسبىتى %3كە ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ قىزىل رەقىمى 1 تىرىليون 400 مىليارد يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ قىزىل رەقىمى 780 مىليارد يۈەن بولىدۇ. 400 مىليارد يۈەنلىك يەرلىك مەخسۇس زايوم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالماشتۇرما زايومى داۋاملىق تارقىتىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتى ۋە ھۆكۈمەت قەرزى نىسبىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە بىرقەدەر تۆۋەن، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر، مۇمكىنچىلىككە ئىگە ۋە بىخەتەر.

  مۇۋاپىق كۆپەيتىلگەن مالىيە قىزىل رەقىمى ئاساسەن باجنى كېمەيتىش – ھەقنى ئازايتىش، كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يەنىمۇ يەڭگىللىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يىل مۇنداق 3 تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىمىز: بىرىنچى، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىمىز، 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى بىناكارلىق، ئۆي – زېمىن كەسپى، پۇل مۇئامىلە كەسپى، تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىگە كېڭەيتىمىز ھەمدە بارلىق كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆچمەس مۈلكىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئۇدۇللاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بارلىق ساھەلەردە باج سېلىقنى پەقەتلا چۈشۈرۈپ كۆپەيتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئىككىنچى، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت فوندىنى ئېلىشنى توختىتىپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، سۇ ئىنشائاتى فوندى قاتارلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئۈچىنچى، 18 تۈرلۈك مەمۇرىي – كەسپىي ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كىچىك – مىكرو كارخانىلاردىن بارلىق كارخانا ۋە شەخسلەرگە كېڭەيتىمىز. يۇقىرىقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ يىل كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ سېلىقىنى ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكىدىن 500 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئازايتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زۆرۈر مالىيە چىقىمى ۋە ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى قوللاشنى كۈچەيتىمىز. مالىيە چىقىمى ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، مالىيە چىقىمى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم ساقلاپ قالىمىز، قىسقارتىشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم قىسقارتىمىز.

  مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىدىن بەھرىمەن بولۇش نىسبىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىمىز. يەرلىك كىرىم قىلىشقا ماس كېلىدىغان باج تۈرلىرىنى جايلارغا بېرىپ، باج باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى جەھەتتە جايلارغا لايىقىدا ھوقۇق بېرىمىز. مەركەزنىڭ مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى قىسقارتىپ، بۇ يىل ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى %12.2 ئاشۇرىمىز. بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. باجنى قانۇن بويىچە ئېلىپ باشقۇرىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىش – مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە كۈچى زور، قەرز خەۋپ – خەتىرى ئازراق بولغان قەرز سوممىسىغا قويۇلغان چەكنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مۇۋاپىق كېڭەيتىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق پۇلنى ئاشكارا، جايىدا ئىشلىتىشى لازىم.

  پۇختا پۇل سىياسىتىنى جانلىق، مۇۋاپىق يولغا قويىمىز. بۇ يىل كەڭ مەنىدىكى پۇل M2 نىڭ كۆزلىمە ئېشىشى %13 ئۆپچۆرىسىدە، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى قالدۇقىنىڭ ئېشىشىمۇ %13 ئۆپچۆرىسىدە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاشكارا بازار مەشغۇلاتى، ئۆسۈم نىسبىتى، تەييارلىق فوندى نىسبىتى، تەكرار قەرز قاتارلىق پۇل سىياسىتى قوراللىرىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئۆتمە مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى، بولۇپمۇ كىچىك – مىكرو كارخانىلارنى، ‹‹يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار›› قاتارلىقلارنى قوللاشنى كۈچەيتىمىز.

  پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. زامانىۋى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ بازار ئارقىلىق شەكىللىنىش مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەكشى سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. دۆلەت سودا بانكىلىرى ۋە تەرەققىيات خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى بانكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش بىلەن قەرز بېرىشنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلايمىز. پاي چېكى بازىرى، زايوم بازىرى ئىسلاھاتى ۋە ئۇلار ئۈستىدىكى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرىمىز. شېنجېن ئاكسىيە بازىرى بىلەن شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى مۇۋاپىق پەيتتە تۇتاشتۇرىمىز. زور ئاپەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى ۋە يېشىل پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئومۇمىي تاشقى قەرزنى ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قىلمىشى ۋە ئاكسىيە زاكاز مال ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك خەۋپ – خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز.

  (2) تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، سىجىل ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم توسالغۇسىنى تېز تۈگىتىپ، تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىمىز.

  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. خەلقنى قەدىرلەش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش يولىنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرىمىز. مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئازايتىپ، ھوقۇقنى بېرىش ماس قەدەمدە بولماسلىق، تەڭكەش بولماسلىق، جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز، تۆۋەنگە بېرىلگەن تەستىق تۈرلىرى جايلارنىڭ قولىغا تېگىدىغان، ئۇنى جايلار ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق ۋە جاۋابكارلىق تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلان قىلىپ، قىسمەن رايونلاردا بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىمىز. مەمۇرىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش، ھۆكۈمەت باھا بەلگىلەيدىغان ياكى يېتەكچى باھانى يولغا قويىدىغان تىجارەتلىك – مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشقا، ھۆكۈمەت فوندى ۋە دۆلەتلىك كەسپىي سالاھىيەتكە قارىتا كاتالوگ تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويىمىز. بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلىدىغان، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يەرلىك قورۇقچىلىقنى بۇزۇپ تاشلايمىز. بازار باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزىتىمىز ۋە بىكار قىلىمىز. ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش›› بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى ئىختىيارىي تاللاپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگۈچى خادىملارنى ئىختىيارىي تاللاپ ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىمىز. ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى بىرتۇتاش يىغىپ توپلاش، قانۇن بويىچە ئېلان قىلىش، بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش، جەمئىيەت نازارەت قىلىشنى يولغا قويىمىز. ‹‹ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى››نى كۈچەپ يولغا قويۇپ، تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالە ۋە كارخانىلارغا يولنى ئاز مېڭىپ، ئىشنى ئاسان پۈتكۈزەلەيدىغان ئىمكانىيەت يارىتىپ، ئۇلارنى ئاۋارىچىلىكتىن خالاس قىلىمىز. زىيادە، پارچە – پۇرات ئەمىر – پەرمانلارنى ئىخچاملاپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ باراۋەر پۇرسەت ۋە تېخىمۇ زور ئىجادىيەت ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىمكانىيىتىنى تولۇق ئىشقا سالىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. بىرىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىمىز. كارخانىلارنىڭ تەتقىقات – كەشپىيات خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش ۋە ئامورتىزاتسىيەنى تېزلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى، پەن – تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ئېتىبارلىق باج سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ساھە باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات – كەشپىيات ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە دۆلەتلىك ئۈلگە رايونىنى سىناق قىلىش سىياسىتىنى پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يەنە بىر تۈركۈم دۆلەتلىك ئۈلگە رايونى، يۇقىرى – يېڭى تېخنىكا رايونى قۇرىمىز. ئىككىنچىدىن، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى ‹‹ئالاقە تورى+›› ئارقىلىق مۇجەسسەملەشنىڭ كۆپەيتمە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىمىز. ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ھۆددىگە ئېلىش، ئاۋام يۆلەش، ئاۋام غەملەش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئىجادىيەتچىلەر ماسلاشقان يېڭىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە بازىلىرىنى قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەتچىلىكىنى يېتىلدۈرۈپ، ‹‹پەرىشتە›› مەبلىغى، ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى، كەسىپ مەبلىغى ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. بەھرىلىك ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، بايلىقنىڭ تەقسىملىنىش ۋە ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇنىڭغا قاتناشتۇرىمىز ۋە بېيىتىمىز. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بويىچە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەتنى يولغا قويىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان ۋە ساختا تاۋار ياسايدىغان، ساتىدىغان قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىمىز. ئۈچىنچىدىن، پەن – تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پەن تەتقىقات باشقۇرۇشىدىكى زىيادە تەرتىپلەرنى بىكار قىلىمىز. پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۆتكەش – ئايلاندۇرۇشنى قوللايدىغان سىياسەت – تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، پاي ھوقۇقى، قەرەل ھوقۇقى ئۈستىدىكى ئېتىبارلىق باج سىياسىتى ۋە پايدا تەقسىملەش – مۇكاپاتلاش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە، يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىمىز. يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ماكانىنى زورايتىپ، دادىل باشلامچى بولىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن قارايدىغان ئوبدان كەيپىياتنى يارىتىپ، كارخانىچىلار روھىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تولۇپ تاشقان كۈچ – قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەيمىز.

  ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچەيمىز. پولات – تۆمۈر، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى قاتارلىق قىيىنچىلىقتا قالغان ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشنى نۇقتىلىق تۇتىمىز. بازار ئارقىلىق قىستاش، كارخانا ئاساس بولۇش، جايلار تەشكىللەش، مەركەز قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، قانۇن، تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، سۈپەت، بىخەتەرلىك ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي شاللاپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك چېكىندۈرىمىز. قوشۇۋېلىش، قايتا تەشكىللەش، قەرزدارلىقنى قايتا تەشكىللەش ياكى ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ‹‹مۇردا كارخانىلار››نى سالماقلىق بىلەن پائال بىر تەرەپ قىلىمىز. مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، مەركەز مالىيەسى 100 مىليارد يۈەن مەخسۇس مۇكاپات – تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ پۇل ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش – ئورۇنلاشتۇرۇشقا نۇقتىلىق ئىشلىتىلىدۇ. ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ سودا، ئەشيا ئوبوروتى، مالىيە، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش جەھەتلەردىكى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، كارخانىلاردىن قالايمىقان ھەق ئېلىشنى قەتئىي توسۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

  مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى تىرىشىپ ياخشىلايمىز. مۇنداق ئۈچ ئىشنى گەۋدىلىك ئوبدان تۇتىمىز. بىرىنچى، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تاۋار سۈپىتىگە دائىر جازالىق تۆلەم تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز. كارخانىلارنىڭ ئۆزگىچە زاكازلىقى ۋە ئەۋرىشىم ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام بېرىپ، تېخىمۇ كامالەت تېپىشقا ئىنتىلىدىغان ھۈنەرۋەنلىك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىمىز، سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىمىز. ئىككىنچى، ياسىمىچىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى+ئالاقە تورى›› ئىشلىرىنى ئىچكىرىلەپ ئالغا سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك بىرقانچە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئەقلىي ياسىمىچىلىق ئۈلگە تۈرلىرىنى يولغا قويىمىز، سانائەتنىڭ ئۇلىنى پۇختىلايدىغان، يېشىل ياسىمىچىلىققا يۈزلەنگەن، يۇقىرى سەۋىيەدە جابدۇلىدىغان بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلارنى باشلايمىز، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىنى ئۆستۈرۈش زور قۇرۇلۇشلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويىمىز. ئۈچىنچى، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇش. يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت مۇلازىمەتچىلىك ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقىنى باشلاپ، يۇقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىجادىيەت كەسپىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرىمىز. بازار ئىجازىتىدە كەڭرەك يول تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسى، تۇرمۇش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. بىر تۈركۈم ئوپتىكىلىق تورلاشقان شەھەر قۇرۇپ، 50 مىڭ مەمۇرىي كەنتتە ئوپتىكىلىق كابېلنى تۇتاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى رەقەملەشكەن تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىمىز.

  دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى، تەرەققىياتقا ئىسلاھات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ئوبدان قىلىمىز. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بولۇپمۇ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈمىنى يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرىمىز، بىر تۈركۈمىنى قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرىمىز، بىر تۈركۈمىنى ئېنىقلاپ چېكىندۈرىمىز. پاي ھوقۇقىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا مۇدىرىيىتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، باشقۇرغۇچىنى بازارلاشتۇرۇپ تاللاپ تەكلىپ قىلىش، كەسپىي دىرېكتورلار تۈزۈمى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك، خادىملارغا پاي بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردىكى سىناقنى قانات يايدۇرىمىز. كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ۋە كارخانا ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بازارلاشتۇرۇپ تاللاپ تەيىنلەش ئۇسۇلىغا لايىقلاشقان ئىش ھەققى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. دۆلەت كاپىتالى بىلەن مەبلەغ سالىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان شىركەتلەرنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ۋە قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلايمىز ۋە ئاشۇرىمىز. جايلارغا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىمىز. ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش فۇنكسىيەسىنى دۆلەت كارخانىلىرىدىن تېز ئايرىۋېتىپ، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يەڭگىللىشىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىمىز.

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىمىز. ئېلېكتىر، تېلېگراف، قاتناش، نېفىت، تەبىئىي گاز، شەھەر جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بازار ئىجازىتىنى زور ھەجىمدە قويۇۋېتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىمىز. تۈر تەستىقلاش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى، مالىيە – باج سىياسىتى، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمىز. تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانىلار ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئادىل، لىللا، ئاشكارا، مۇقىم بولغان قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېڭىچە مۇناسىۋىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەر خىل كارخانىلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  (3) ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ زور ئىمكانىيەتنى ئاچىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. ئېھتىياج ئومۇمىي مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ ۋە ئىسلاھ قىلىپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى، سېلىنما بىلەن ئىستېمالنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىنى، شەھەر – يېزىلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۇزاق داۋام قىلىدىغان ئېھتىياج تىرىكىنى شەكىللەندۈرىمىز.

  ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىمىز. ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىگە لايىقلىشىپ، سىياسەت توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. كۈتۈنۈش، ساغلاملىق، ئائىلە مۇلازىمىتى، تەربىيەلەش – يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىقلاردىكى مۇلازىمەت ئىستېمالىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. تور ئۇچۇرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي لازىمەتلىكلىرى، خاس مودىلاشتۇرۇش قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمالنى زورايتىمىز. تور ئىچى – سىرتىنىڭ ماس ھەمتۈرتكىلىكىنى، باراۋەرلىك ئاساسىدا رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي سودىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئەشيا يەتكۈزۈش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز يوللانما كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىلنى ئاساس قىلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، شەھەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە توك قاچىلاش ئەسلىھەسىنى تېز قۇرۇپ چىقىمىز. مەملىكەت بويىچە ئىستېمال پۇل مۇئامىلىسى شىركىتى سىنىقىنى يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستېمال كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىمىز. بىر قىسىم ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، باج كەچۈرۈم دۇكانلىرىنى كۆپەيتىمىز. مائاشلىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت قاتنىشى، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ئۆز ئاپتوموبىل لاگېرى قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، گۈللىنىۋاتقان ئاۋام سەيلە – ساياھەت دەۋرىنى كۈتۈۋالىمىز.

  ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. ئېلىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە نۇرغۇن كەمتۈكلۈك بار، كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جىددىي زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشتا ئىمكانىيەت يەنىلا زور. بۇ يىل 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ تۈرلەرنى باشلايمىز. تۆمۈريولغا 800 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق، تاشيولغا 1 تىرىليون 650 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايمىز، چوڭ – چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىن يەنە 20 نى باشلايمىز، سۇ ئېلېكتىرى، يادرو ئېلېكتىرى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش، ئاقىل ئېلېكتىر تورى، نېفىت – گاز تۇرۇبا تورى، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى قاتارلىق چوڭ – چوڭ تۈرلەرنى ئېلىپ بارىمىز. مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسى 500 مىليارد يۈەن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مەبلەغ سېلىش – يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى داۋاملىق بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن غەملىنىدۇ، جايلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، بازارلاشتۇرۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق مۈلۈكلەرنى ئاكسىيەلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 180 مىليارد يۈەنلىك يېتەكلەش فوندىنى ئوبدان ئىشلىتىمىز، توختامنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئىشتىراك قىلىش قىزغىنلىقىنى تولۇق قوزغايمىز.

  يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. شەھەرلەشتۈرۈش زامانىۋىلىشىشنىڭ مۇقەررەر يولى، ئېلىمىزنىڭ ئەڭ زور ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن ئىمكانىيىتى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. بۇ يىل مۇنداق ئۈچ خىزمەتنى نۇقتىلىق تۇتىمىز. بىرىنچى، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشىنى تېزلىتىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر – بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى كەڭرەك قويۇۋېتىمىز، ‹‹ئادەم، يەر، پۇل››نى بىر – بىرىگە باغلاش سىياسىتىنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال سىناق دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. تۇرۇش كىنىشكىسىنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، شەھەر – بازارلاردا تېخى نوپۇسقا ئېلىنمىغان دائىملىق ئاھالىنىڭ ھەممىسىگە تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىشنى تېزلىتىپ، ئۇلارنى تۇرغان جايىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن قىلىمىز. ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردىكى ئوتتۇرا – كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر – بازارلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، پۇلمۇ تاپالايدىغان، ئائىلىسىدىنمۇ خەۋەر ئالالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىمىز. ئىككىنچى، شەھەر – بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ يىل كەپە ئۆي رايونلىرىدىكى تۇرالغۇدىن 6 مىليون يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىمىز، كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئورنىغا پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئاھالىنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئىستېمالىغا مەدەت بېرىدىغان باج، كىرېدىت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ مۇتلەق ئېھتىياجى ۋە تۇرالغۇ ياخشىلاش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر بەلگىلەپ، ئۆي – زېمىن بازىرىدىكى ساقلانما ئۆيلەرنى ئازايتىپ، ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىجارە بىلەن سېتىۋېلىش

  تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سىرتتىن كەلگەن ئاھالىنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تەدرىجىي ھالدا ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى تەمىنات دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. ئۈچىنچى، شەھەر يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىمىز. شەھەر يىرىك پىلانىنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، نوپۇزلۇق ۋە ئاشكارا بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹كۆپ خىل پىلانلارنى بىرلەشتۈرۈش››كە تۈرتكە بولىمىز. 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق شەھەر يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز. يېشىل بىنا ۋە يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، پولات قۇرۇلمىلىق ۋە قۇراشتۇرۇلما بىنالارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق سەۋىيەسى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي شەھەر بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى قاتناش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ غەمدىن خالىي، تېخىمۇ بەھۇزۇر ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  رايون تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياخشىلايمىز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويىمىز، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئون يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىمىز، شەرقىي رايوننىڭ تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز. بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز – ئوكيان ئىشلىرىغا دائىر ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراپ، كۆك ئىقتىساد بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، دېڭىز – ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىمىز.

  (4) زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى بوشاشماي داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېز تەڭشەيمىز. ئاشلىق مەھسۇلاتى ھوسۇلى ئۇدا ئېشىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى، لېكىن ئامبار زاپىسى زور ھەجىمدە ئېشىپ كېتىپ، بازار باھاسى چۈشۈپ كېتىشتەك مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى بازار ئېھتىياجىنى نىشانلاپ تەڭشەشكە، كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئازايتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ‹‹باھانى بازار بەلگىلەش، باھا بىلەن تولۇقلىمىنى ئايرىش›› پىرىنسىپى بويىچە، كۆممىقوناق يىغىش – زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مۇۋاپىق مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق زاپىسىنى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ھەزىم قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشقا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش لازىم؛ تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك لايىھەسىنى تۈزۈپ، بۇ يىل 15 مىليون مودىن ئارتۇق يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش كېرەك، بۇ ئىشنىڭ پايدىسى كۆپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇش شەرت. يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەم بويىچە باشقۇرۇشنىڭ كۆپ خىل شەكلىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، چوڭ كەسپىي ئائىلىلەر، دېھقانلار كوپىراتىپلىرى قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يۆلەش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنى ھۆددە يېرىنى قانۇن بويىچە ئىختىيارىي ئاساستا ھەقلىق ئۆتۈنۈشكە، ھۆددە يەر بويىچە پاي ھەمكارلىقىنى، بىرلىشىشنى ۋە ھاۋالىلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم. يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، دۆلەت ئورمان مەيدانى، ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ۋە تەمىنات – سودا كوپىراتىپى قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساس خاراكتېرلىك تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىمىز. مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئومۇميۈزلۈك بېكىتىپ ۋە ئالاھىدە قوغداپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز – ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر بوشىتىلغان يەرنى 150 مىليون موغا كۆپەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى يېڭىدىن 20 مىليون مو ئاشۇرىمىز. تېرىلغۇ يەرلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش تۈزۈمىنى سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىنى كۈچەيتىمىز، ئاشلىقنىڭ يېشىل، ھوسۇللۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز. مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك كىرېدىتى كېپىللىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىغا سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز ۋە تۈرتكە بولىمىز.

  يېزا جامائەت ئەسلىھەسى ۋە مۇلازىمىتىنى ياخشىلايمىز. يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياساپ ۋە ئۆزگەرتىپ ياساپ، شارائىتى ھازىرلانغان يېزا – بازارلاردا ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەردە قاتتىق يول قاتنىشىنى، يولۇچى ئاپتوموبىلى قاتنىشىنى تېزلىتىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشىنى تېز يولغا قويۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە، يېزىلاردا مۇقىم، ئىشەنچلىك توك تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىگە توك يەتكۈزىمىز. ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز. يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىت قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشاشقا باب گۈزەل يېزا قۇرۇپ چىقىمىز.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. بۇ يىل 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايمىز، بۇنىڭ ئىچىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز، نامرات يېزا ئاھالىسىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى %43.4 ئاشۇرىمىز. نامرات ناھىيەلەردە يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغلەرنى بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىمىز. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمگە، جايغا قاراپ تەدبىر قوللىنىمىز. ئۆزگىچە كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش – ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىمىز. يولنى تۇتاشتۇرۇش، سۇ يەتكۈزۈش، توك يەتكۈزۈش، تورنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوبدان ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلارنىڭ ۋە نامرات ئاھالىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەش، شەرق بىلەن غەرب ھەمكارلىشىپ يۆلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە قاتنىشىشىنى قۇۋۋەتلەيمىز. نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چىڭ ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋەدە قىلدى، بۇ ۋەزىپىنى سان ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ ۋاقتىدا ئورۇندىشى شەرت.

  (5) يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى كۈچەپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت ئەندىزىسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جىددىي تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي ئېغىشماي كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش كېرەك.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. مەملىكەت ئىچىدىكى رايون خاراكتېرلىك ئېچىش – ئېچىۋېتىش بىلەن خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇقلۇق ئىقتىساد كارىدورى بىلەن دېڭىز ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت تىرەكنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى، سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدا چوڭ ئۆتەڭ ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، خەلقئارا ماددىي ئەشيا چوڭ يولىنى بەرپا قىلىمىز. چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى ۋە چېگرا سىرتى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى تىنچلىق، دوستلۇق ۋاسىتىسىگە ۋە ئورتاق گۈللىنىش يولىغا ئايلاندۇرىمىز.

  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىمىز. كارخانىنى ئاساس قىلىش، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش ۋە بازارلاشتۇرۇپ مەشغۇلاتقا سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى يولغا قويىمىز. مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، خەلق پۇلى چەت ئەل ھەمكارلىق فوندى تەسىس قىلىمىز، ئىككى تەرەپلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق فوندىنى جايىدا ئىشلىتىمىز. جابدۇق، تېخنىكا، ئۆلچەمنى ۋە مۇلازىمەتنى سىرتقا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى كوزىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىمىز.

  تاشقى سودا تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تاشقى ئېھتىياج ئىزچىل تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتتە، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىمپورت – ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىش ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەش لازىم. بىرىنچىدىن، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېكسپورت بېجى قايتۇرۇش نىسبىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، باجنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق قايتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئېكسپورت بېجى قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا قاتتىق زەربە بېرىش لازىم. قىسقا مۇددەتلىك ئېكسپورتنىڭ ئىناۋەت سۇغۇرتىسى كۆلىمىنى كېڭەيتىش، يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەر ئېكسپورتى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇغۇرتىسىدا سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سۇغۇرتىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كارخانىلارنىڭ بىر تۈركۈم ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى ‹‹چەت ئەل ئىسكىلاتى››نى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىش، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئۈچىنچىدىن، سودا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. مۇلازىمەت سودىسى تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىكى بويىچە ئۈلگە شەھەرلەرنى كۆپەيتىش، تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونلىرىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ ياخشىلاپ، پىششىقلاش سودىسىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا يۆتكىلىشى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. تۆتىنچىدىن، سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقئارا سودىدا بىرلا كۆزنەكتە رەسمىيەت ئۆتەشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. بەشىنچىدىن، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىمپورت سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىلغار تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى، ئاچقۇچلۇق زاپچاس – بۆلەكلەر ۋە قىس ئېنېرگىيە خام ماتېرىياللىرى ئىمپورتىنى كۆپەيتىش لازىم.

  تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىدە داۋاملىق كەڭرەك يول تۇتۇپ، مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئادەتتىكى ياسىمىچىلىقنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى قۇرۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىمىز. ئىچكى رايونلارنى ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى يېڭىلاپ، سىرتقا يۈزلەنگەن يېڭى كەسىپلەر توپىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارغا مايىللىشىشقا يېتەكلەيمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى يېڭىلايمىز. بىز تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئاشكارا، تېخىمۇ كۆزلىمىلىككە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىمىز، جۇڭگو چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ ئىنتايىن جەلپكار مەبلەغ سېلىش تۇپرىقى بولۇش ئورنىنى ئىزچىل ساقلايدۇ.

  ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. پائال تۈردە ئومۇميۈزلۈك رايون ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاپ، جۇڭگو – ياپونىيە – كورېيە ئەركىن سودا رايونى قاتارلىقلار ئۈستىدىكى سۆھبەتنى تېزلىتىپ، جۇڭگو – ئامېرىكا، جۇڭگو – ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئۈستىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا رايونى ئۈستىدىكى بىرلەشمە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتنى كۈچەيتىمىز. ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە سودا سېلىنمىسىنىڭ ئەركىنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەرلىك، مەنپەئەتدارلىق، كەڭ قورساقلىق ئاساسىدىكى خەلقئارا سودا سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايمىز.

  (6) مۇھىتنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇلغىمىنى تىزگىنلەش ۋە مۇھىتنى ئاسراش خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە سىجىل تەرەققىياتقا تاقىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ، مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغىمۇ پايدىسى تېگىدىغان يولغا مېڭىشقا قەتئىي ئىرادە باغلاش كېرەك.

  ئاتموسفېرادىكى تۇمان – تۈتەكنى ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈزەيمىز. بۇ يىل خىمىيەلىك ئوكسىگېن مىقدارى ۋە ئاممىياكلىق ئازوتنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %2 تۆۋەنلىتىلىدۇ، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن ئازوت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %3 تۆۋەنلىتىلىدۇ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئۇششاق دانچىلار (PM2.5)نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ. كۆمۈر ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتىمىز. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز، كۆمۈر ئىشلىتىشنى ئازايتىپ، كۆمۈر ئورنىغا توك، گاز ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى ئاز بۇلغىما چىقىرىدىغان ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. مەجبۇرىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆمۈر پار قازاننى شاللاشنى تېزلىتىمىز. تەبىئىي گاز تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. شاخ – شۇمبىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىۋاسىتە كۆيدۈرۈۋېتىشنى چەكلەيمىز. ئاپتوموبىل يېقىلغۇسىنىڭ دۆلەت 5 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز، سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىل ۋە كونا ئاپتوموبىلدىن 3 مىليون 800 مىڭنى شاللايمىز. نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرادىن بۇلغىنىش بويىچە بىرلەشمە مۇداپىئە – كونترولنى يولغا قويىمىز. شەھەر – بازارلارنىڭ پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى ۋە ۋادى سۈيى مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. سانائەتنىڭ بۇلغاش مەنبەسىنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنى توردا كۆزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنىڭ ئېنىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت، نورمىدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغان، يوشۇرۇن بۇلغىما چىقارغانلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ئېنېرگىيە تېجەر – مۇھىت سۆيەر كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېشىل ئۆلچەم ۋە مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش – مۇھىت ئاسراش ئىلغار تېخنىكا جابدۇقلىرىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىمىز، ئېنېرگىيەنى توختام بويىچە باشقۇرۇش ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئۈچىنچى تەرەپ تىزگىنلەشنى كەڭ تۈردە يولغا قويىمىز. بىناكارلىقتا ئېنېرگىيە تېجەش جەھەتتىن ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتا يېشىل ئۆلچەمگە چۈشۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىمىز. ئومۇمىي خەلق ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىمىز، ئەخلەتنى تۈرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ھاسىلىي بايلىقتىن يىغىپ پايدىلىنىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەر – مۇھىت سۆيەر كەسىپلەرنى ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى زور تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ يېتىلدۈرىمىز.

  ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى توختىتىمىز، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياردەم پۇلى بېرىش – مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويىمىز. يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىشنى نورمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇلۇق يەر قاتارلىقلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. چۆللىشىش، قۇملىشىشنى ۋە سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى داۋاملىق تۈزەيمىز. مۇھىت ئاسراشتا ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسى ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ – قۇۋۋىتىنى بېغىشلىشى كېرەك.

  (7) خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىمىز. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا خەلق تۇرمۇشى ئاساس قىلىنىدۇ، بىز بۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە ساقلاپ، كۆڭلىمىزگە مەھكەم پۈكۈشىمىز، خەلق مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنى غەمدىن كۆپرەك خالاس قىلىشىمىز لازىم. مالىيە كىرىمىنىڭ كۆپىيىشى ئاستىلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاممىغا قىلىپ بېرىشكە تېگىشلىك ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرىنىمۇ ئازايتىشقا بولمايدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش – ئىگىلىك تىكلەش دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىمىز. تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىگىلىك تىكلەش يولى بىلەن سىلجىتىشقا ئىلھام بېرىمىز. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار 7 مىليون 650 مىڭ كىشىگە يېتىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانىنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش – ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقىنى ئوبدان ئىشلىتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، كارخانىدىكى ئىش ئورنىدىن قالغانلارنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەيمىز، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان كىشىلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ يۆلەيمىز. دېھقان ئىشلەمچىنى كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش بويىچە 21 مىليون ئادەم/ قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايمىز. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھالىتىگە ھەمدەم بولۇشنى كۈچەيتىمىز. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئوبدان ئىشلەيمىز.

  تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئادىل مائارىپنى راۋاجلاندۇرىمىز. مائارىپ دۆلەتنىڭ كېلەچىكى، خەلقنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئۈستىگە ئالغان. جامائەت مائارىپى سېلىنمىسىنى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار، چەت – نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر، يېزا مائارىپ خىراجىتى كاپالەت مېخانىزمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەر ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدار بالىلار باغچىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. ئالاھىدە مائارىپنى ياخشى يولغا قويىمىز. زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىشنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرىمىز. ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئاۋۋال يولغا قويىمىز، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. يىراقتىن ئوقۇتۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتلىك مائارىپنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز، شارائىتى ھازىرلانغان تولۇق كۇرسلۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي كەسىپلەرگە بۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات رايونلاردىكى يېزىلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنى شۇ جايدا ئوقۇش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پۇقرا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساپالىق تۈرلۈك ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئائىلىدىن مەكتەپكىچە، ھۆكۈمەتتىن جەمئىيەتكىچە ھەممەيلەن بالىلارنى ساق – سالامەت يېتىلدۈرۈپ، ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ كېلەچىكىگە ئۈمىد بەخش ئېتىشىمىز كېرەك.

  داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك جەھەتتىكى ھەمتۈرتكىلىك ئىسلاھاتنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرىمىز. ساغلاملىق بەختلىك ياشاشنىڭ ئاساسى. بۇ يىل ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدا تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ھۆكۈمەت سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ. مەركەز مالىيەسى شەھەر – يېزا داۋالاش – قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن 16 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %9.6 ئاشۇرىدۇ. شەھەر – يېزا ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مالىيە ياردىمىنى 380 يۈەندىن 420 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە ئالاقە تورى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش ۋە باشقا جايدا داۋالانغان ھەقنى راسچوت قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەرنى كۆپەيتىمىز، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ۋە دورا ئوبوروتى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرىمىز. دورا، داۋالاش ئەسۋاب – ئۈسكۈنىلىرىنى باھالاش، تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئۇنىۋېرسال دوختۇر، بالىلار دوختۇرىنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىمىز. %70 ئەتراپىدىكى ۋىلايەت – شەھەرلەردە دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش بويىچە سىناق ئېلىپ بارىمىز. ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمەت خىراجىتى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلىنى 40 يۈەندىن 45 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز، داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋە يېزىلارغا سىلجىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى دوختۇرخانا قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. جۇڭگو تېبابىتى – دورىگەرلىكى، مىللىي تېبابەت – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز. داۋالاش كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باب كېلىدىغان كادىرلار – ئىش ھەققى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغدايمىز ۋە قوزغايمىز. دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. بىر جۈپ ئەر – خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا دائىر يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكىنىڭ بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېتىزدىن داستىخانغىچە، تەجرىبىخانىدىن دوختۇرخانىغىچە ھەربىر مۇداپىئە سېپىنى قاتتىق ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنى بىخەتەر، خاتىرجەم ئوزۇقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى زىچ، پۇختا توقۇيمىز. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز. جايلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە ئۈستىگە ئېلىپ، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىمىز. كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقىنى يولغا قويىمىز، داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى كۆپ خىل شەكىلدە بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش، قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى بېقىش تۈزۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ياردەم بېرىش، بېقىش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان شەھەر، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ياردىمى ئۆلچىمىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %5 ۋە %8 ئۆستۈرىمىز. شەھەر، يېزا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا ياردەم بېرىپ، جەمئىيەتتە مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانلىقنى ئەۋج ئالدۇرىمىز.

  مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو ئارزۇسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىمىز. پەلسەپە – ئىجتىمائىي پەندە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە، ئارخىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. جۇڭگوچە يېڭى تىپتىكى ئاقىللار ئامبىرىنى بەرپا قىلىمىز. مەدەنىيەت يادىكارلىقى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز. ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلمىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساپاسىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكىنى ئۆستۈرىمىز. ئەنئەنىۋى تاراتقۇ بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ساغلام تور مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرىمىز. جۇڭگونىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارالىق تارقىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جامائەت مەدەنىيەت بايلىقىنى شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىشقا يېتەكلەپ، مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. رەقەملىك رادىيو – تېلېۋىزىيەنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرىدىغان يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىمىز.

  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز. ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىنى قوللايمىز. ساھە جەمئىيەتلىرى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەتنىڭ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ۋە خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئاياللار، بالىلار ۋە مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز، يېزىلاردا ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقات – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، 7 – بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، قانۇن ياردىمى بېرىش ۋە مەھەللىدە تۈزەش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەيمىز. دۆلەت تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇچۇرلىشىشنى تىرەك قىلغان جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە – كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز. ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشىلاپ، كۆپ مەنبەلىك مۇرەسسە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىددىيەت – ماجىرالارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ – ئىناق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، بىخەتەرلىك تولىمۇ قىممەتلىك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش، بىخەتەرلىك ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش – ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش – سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەر تەۋرەش، ئۆلچەش – سىزىش، گېئولوگىيە خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى، باشقۇرۇش تۈزۈمى، سىناش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتكوم بىلەن ھۆكۈمەت بىرلىكتە مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈز بېرىشنى قەتئىي توسۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (8) ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىن باش تارتماسلىق كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل، مۇرەككەپ ۋەزىپىلىرى ئالدىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ شادلىقى ۋە قايغۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەل رازى قانۇنچىل ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشى كېرەك.

  قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇنچىللىق يولىغا سالىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىشى، قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. ھۆكۈمەت قانۇن مەسلىھەتچىلىكى تۈزۈمىنى پائال يولغا قويۇش لازىم. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ، گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تور سۇپىسىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىنى ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، ئىشنى قانداق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈشى كېرەك.

  پاكلىق بىلەن ۋەزىپە ئۆتەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش – پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېقىمغا قارشى يول تۇتۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تۈزەش كېرەك. مەمۇرىي تەپتىشلىكنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بىلەن تولۇق قاپلاشنى تېزلىتىمىز. ھوقۇقنى كىچىكلىتىش ۋە ھوقۇققا چەك قويۇش، ئىجادىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى بوشلۇقىنى تارايتىپ، چىرىكلىك پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى تۈگىتىمىز. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالايمىز.

  مەسئۇلىيەتنى بەجانىدىل ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجرا كۈچى ۋە ئىناۋەتنى ئۆستۈرىمىز. ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئومۇمنى كۆزلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، پىلانلاشقا، ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئەمەلىيەتتە چوڭقۇر كۆرسىتىپ، سىياسىي ئېڭىمىزنى، ئومۇمىيەت ئېڭىمىزنى، يادرو قىلىش ئېڭىمىزنى ۋە توغرىلىنىش ئېڭىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساپالىق، كەسىپلەشكەن دۆلەت مەمۇرلىرى قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم. خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەت، ۋەزىپىلەرنىڭ كەم – كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەتتىكى چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش ۋە تۈگىتىش، ئورۇننى ئىگىلىۋېلىپ ئىش قىلمايدىغان ئەھۋالغا ھەرگىز يول قويماسلىق لازىم. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش – تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتچى ۋە ئىجادكارلارغا ئىلھام بېرىپ، مەدەتكار بولۇپ، كادىرلارغا ئىش قىلىشنى خالايدىغان، دادىل ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى 30 نەچچە يىللىق شانلىق نەتىجىلەرنى كادىرلار ۋە ئامما ئىشلەش ئارقىلىق ياراتقان.

  ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. مەركەزنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم. ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قازانغان جايلارنى قۇرۇلۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش يېرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، مالىيە تىنما مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇكاپاتلاش – رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جايلارنى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ ئىش كۆرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، بەس – بەستە راۋاجلىنىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

  ۋەكىللەر!

  جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر چوڭ ئائىلە، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيىتى. مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە ئىلغارلىق يارىتىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە مەھەللە – بازارلىرىنى قوغداپ ھەم راۋاجلاندۇرۇپ، نوپۇسى ئازراق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم تاشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  مۇھاجىرلار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىللەر!

  ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. يېڭى بىر يىلدا پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، گۇتيەندە ئېچىلغان پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم. ھەرقايسى يۆنىلىش، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، دائىمىي ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى پۇختا تەشكىللىشىمىز كېرەك. ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى ۋە قورال – جابدۇقلار تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ كۆلەم، قۇرۇلما ۋە سىياسەت – تۈزۈم ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. زامانىۋى قوراللىق ساقچى قىسىملارنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مۇھىم ساھەلەردە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما، چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ئېھتىياجىنى تولۇق نەزەردە تۇتۇشىمىز كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنىكا سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز لازىم. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىدا بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر رىشتە باغلايدىغان يولغا مېڭىشى كېرەك.

  ۋەكىللەر!

  بىز ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش››، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قەتئىي ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىش كۆرىمىز، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ چوقۇم ئۇزاققىچە ئاۋات ۋە مۇقىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئورنى ۋە رولىنى كۈچەيتىمىز. ئىچكى رايونلارنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  بىز تەيۋەن خىزمىتىگە قارىتىلغان مۇھىم فاڭجېندا، ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى››دىن ئىبارەت سىياسىي ئاساستا داۋاملىق چىڭ تۇرىمىز، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ، پەن – تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىككى قىرغاقتىكى ئاساسىي قاتلام ۋە ياشلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىمىز. ‹‹ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دېگەن ئىدىيەنى قۇۋۋەتلەپ، مىللىي ئادالەتنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسىنى قولمۇقول بەرپا قىلىمىز.

  ۋەكىللەر!

  بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. ئېلىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىنى ياخشى تەشكىللەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىمىز. يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى رايون ۋە دۆلەتلەر بىلەن ئۇزاققىچە تىنچ بىللە تۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلۇق، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا پائال قاتنىشىمىز. چەت ئەللەردىكى مەنپەئىتىمىزنى قوغداش جەھەتتىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ۋە قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايمىز. جۇڭگو خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ!

  ۋەكىللەر!

  كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن كېلەچەكتە ئىستىقبالغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا ئىشنىڭ ئوبدان باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زامانىۋىلاشقان باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشايلى!

  (تەرجىمىسىنى جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى بېكىتكەن)

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …