باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىدا بېرىلگەن

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2)

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ

2016.03.18 17:58   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ۋەكىللەر!

  2015 – يىلى 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان ئاخىرلاشتى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئېلىمىز تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چىگىش – مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتىكى مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلىرى ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھازىرغىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ پايدىلىق ئىسلاھات – تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن ئاساسلىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇندىدۇق. بىرىنچىدىن، ئىقتىسادنى سىجىل، تېزرەك راۋاجلاندۇردۇق. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.8 ئاشۇردۇق، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2 – ئورۇننى ساقلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مال سودىسى دۆلىتى ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سالغۇچى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇق. ئىككىنچىدىن، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە بەلگە خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. مۇلازىمەتچىلىك ئەڭ چوڭ كەسىپكە ئايلاندى، سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئىستېمال ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا تىرەك بولىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلاندى، ئاھالىنىڭ تەڭدىن تولىسى شەھەر – بازارلاردا ئولتۇراقلاشتى. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %18.2تۆۋەنلىدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى %12 تىن كۆپرەك ئازايدى. ئۈچىنچىدىن، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق. تۆمۈريول تىجارەتلىك تىرانسپورت مۇساپىسى 121 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول 19 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، دۇنيانىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. قاتناش باشلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 120 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا لىنىيەسىدە سۇ باشلاندى. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 4 – ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى بەرپا قىلىندى. تۆتىنچىدىن، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. كىۋانت ئالاقىسى، نېيترىنو تەۋرىنىش، يۇقىرى ھارارەتلىك تۆمۈرلۈك ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ئۇل تەتقىقاتلاردا بىر تۈركۈم ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى، چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلەردە دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتۇق. بەشىنچىدىن، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ كىرىم پەرقى داۋاملىق كىچىكلىدى. شەھەر – بازارلاردا 64 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. شەھەر – بازاردا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 40 مىليون 130 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ سالدۇق، 100 مىليونلىغان ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىدىن 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ئازايتتۇق، يېزىلاردىكى 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. ئالتىنچىدىن، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا روشەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. مائارىپنىڭ ئادىللىقى ۋە سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى 80 تىن ئاشۇردۇق. مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى سىجىل ئاشۇردۇق. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق. جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن – تېخنىكا كۈچى، دۆلەت مۇداپىئەسى كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىرى يەنە زور بىر بالداق ئۆرلىدى. 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى شانلىق نەتىجىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس ئىجادكارلىقىنى مەركەزلىك ئىپادىلىدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۇيۇشقاقلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، بۇ نەتىجىلەر مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىككى ‹‹100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ! 2. 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان – ۋەزىپىلەر ۋە چوڭ – چوڭ تەدبىرلەر ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى››گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن ‹‹خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە)››نى تۈزۈپ، يىغىننىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشىغا سۇندى.

  ‹‹پىروگرامما لايىھەسى››دە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، تەڭكەش بولماسلىق، سىجىل بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئاساسلىق نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان بىر قاتار چوڭ – چوڭ سىياسەت، چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش ۋە چوڭ – چوڭ تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۆۋەندىكى ئالتە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈردۇق.

  ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا ھال – يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا – يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010 – يىلدىكىدىن بىر قاتلاش ئۈچۈن، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەن چېكى %6.5 تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش – دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش لازىم. 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ سالمىقى زور ھەجىمدە ئاشۇرۇلىدۇ، بارلىق خادىملارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى 87 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ 120 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىقتىساد مىقدارى 90 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. بۇ جۇڭگوغا ئوخشاش نوپۇسى كۆپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئىنتايىن زور نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇڭا ئۇنى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇش شەرت. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش لازىم. دۆلەتنىڭ يېڭى بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك دۆلەتلىك پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا يېڭىلاش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئىجادچان باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتى بويىچە بىر تۈركۈم سىناق رايونلىرىنى قۇرىمىز. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىمىز. بۈيۈك مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئەشيا تورىنىڭ كەڭ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. كۈچلۈك سۈپەت دۆلىتى، كۈچلۈك ياسىمىچىلىق دۆلىتى، كۈچلۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دۆلىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئۇل تەتقىقات، ئەمەلىي تەتقىقات ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقىنى %2.5 كە، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى تۆھپە نىسبىتىنى %60 كە يەتكۈزۈپ، ئىجادچان دۆلەتلەر ۋە كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرىمىز.

  يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. شەھەر – يېزىلارنىڭ رايون پەرقىنى كىچىكلىتىش ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىشنىڭ ئاچقۇچى. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، 100 مىليون ئۆپچۆرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسى ۋە باشقا دائىملىق ئاھالىنى شەھەر – بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەخمىنەن 100 مىليون نوپۇس ئولتۇراقلاشقان كەپە ئۆي رايونى ۋە شەھەردىكى كەنتنى ئۆزگەرتىشنى ئورۇنلاپ، تەخمىنەن 100 مىليون كىشىنى ئوتتۇرا – غەربىي رايوندىكى يېقىن جايدا شەھەر – بازارلىشىشقا يېتەكلەيمىز. 2020 – يىلىغا بارغاندا، دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر – بازارلىشىش نىسبىتىنى %60 كە، نوپۇستىكى ئاھالىنىڭ شەھەر – بازارلىشىش نىسبىتىنى %45 كە يەتكۈزىمىز. سۇچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق قاتارلىقلاردا بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملەشكەن ئىگىلىك، رايونلاشقان ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرىمىز. 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرىمىز، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىمىز، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز. رايون تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى ئاساس، ‹‹ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە››نى يېتەكچى قىلىپ، دېڭىز بويى، دەريا بويى، يىپەك يولى ئەتراپى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئاساس قىلغان تىك ۋە توغرا لىنىيەلىك ئىقتىساد ئوق بەلبېغى، شۇنداقلا تەسىر كۆرسىتىش كۈچى زور بىر تۈركۈم شەھەر توپى ۋە ئېشىش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرىمىز. زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ تىجارەت مۇساپىسىنى 30 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈپ، %80 تىن ئارتۇق چوڭ شەھەرنى قاپلاپ، قاتناش مۇساپىسى تەخمىنەن 30 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى يېڭىدىن ياساپ ۋە ئۆزگەرتىپ، كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن شەھەر – يېزىلارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى تېزلىتىمىز. تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك ماكاننى قوغداش قىزىل سىزىقى سىزىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىش ئومۇمىي قىممىتىدە سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى %23، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %15، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىنى %18 ئازايتىپ، ئورمان بىلەن قاپلاش نىسبىتىنى %23.04 كە يەتكۈزۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش نىسبىتىنى زور ھەجىمدە ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلايمىز. بولۇپمۇ ئاتموسفېرادىكى تۇمان – تۈتەكنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە ھاۋا سۈپىتى ئەلا ۋە ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتىنى %80 تىن ئاشۇرىمىز. بىز ئۇزاققىچە بوشاشماي، كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا ياپيېشىل زېمىن جىلۋە قىلىپ، سۈپسۈزۈك سۇلار جىمىرلاپ تۇرىدىغان گۈزەل جۇڭگو قۇرىمىز.

  ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىمىز. تەرەققىيات تۈپ جەھەتتىن ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز؛ ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىمىز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. تاشقى سودىدا سەرخىللىرىنى كىرگۈزۈپ، سەرخىللىرىنى چىقىرىشقا يۈزلىنىپ، مۇلازىمەت سودىسى نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، چوڭ سودا دۆلىتىدىن كۈچلۈك سودا دۆلىتى تەرەپكە قەدەم تاشلايمىز. ئىجازەت بېرىشتىن بۇرۇن پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىك قوشۇلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىمىز. ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى، يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرىمىز.

  خەلق تۇرمۇشىدا بەخت – سائادەتنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىمىز. خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئاساسىي كاپالىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئۆلچەمدىكى نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى تولۇق تۈگىتىمىز. دۆلەتنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى تۈرى تىزىملىكىنى بەرپا قىلىمىز. تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە پەنلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىلىنى 23.10 يىلدىن 8.10 يىلغا يەتكۈزىمىز. شەھەر – بازارلاردا 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئوتتۇرا ھال كىرىملىك ئاھالىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرىمىز. تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – بازارلاردىكى كەپە ئۆي رايونىدا 20 مىليون يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىمىز. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنى بىر ياش ئۇزارتىمىز. ياشانغانلار كۆپىيىپ كېتىش مەسىلىسىگە پائال تاقابىل تۇرىمىز. زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويىمىز. ھەم خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشاتلاشتۇرىمىز، ھەم مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىمىز.

  13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى كۈچەپ ئوبدان ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇش لازىم. تەرەققىيات چىڭ قائىدە، ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. كەلگۈسى بەش يىل ‹‹ئوتتۇرا ھال كىرىم توزىقى››دىن ھالقىپ ئۆتۈشتىكى مۇھىم باسقۇچ، بۇ باسقۇچتا تۈرلۈك زىددىيەت ۋە خەۋپ – خەتەرلەر كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. تەرەققىيات خۇددى ئېقىنغا قارشى كېمە ھەيدىگەنگە ئوخشايدۇ، ئىلگىرىلىمىسەكلا چېكىنىپ كېتىمىز. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسقا جايىدا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور كېمىنى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىتىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ھازىر تەرەققىياتتا ئومۇمىي مىقدار مەسىلىسى بىلەن قۇرۇلما مەسىلىسى تەڭ مەۋجۇت، قۇرۇلما مەسىلىسى بەكرەك گەۋدىلىك، ئىسلاھات ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي تەلەپنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش، ئېلىش ئۇسۇلىنىمۇ، قوشۇش ئۇسۇلىنىمۇ قوللىنىپ، ئۈنۈمسىز ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك تەمىناتنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك ۋە ئوتتۇرا ھال، يۇقىرى دەرىجىلىك تەمىناتنى كۆپەيتىپ، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنات بىلەن تەلەپنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدىغان قىلىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، تەرەققىياتنىڭ كونا قۇدرىتى ئورنىغا يېڭى قۇدرىتىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقەررەر ھالدا كونا قۇدرەتنىڭ ئورنىنى يېڭى قۇدرەت ئالىدىغان جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ، ئەنئەنىۋى قۇدرەت كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىزلاشقاندا، يېڭى قۇدرەت بىردىنلا بارلىققا كېلىپ ۋە ئەنئەنىۋى قۇدرەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى ‹‹قوش موتور›› ھاسىل قىلىدۇ – دە، ئىقتىسادنىڭ سىجىل يۈكسىلىپ، يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر ئېلىمىز تەرەققىياتى دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا، يېڭى قۇدرەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش شەرت. يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېز يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەھرىلىك ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈزۈلمە – مېخانىزمنى يېڭىلاش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، تەڭ بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر توپىنى زورايتىپ، قۇدرىتى كۈچلۈك يېڭى موتور بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇچۇر تورى قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش ۋە ماركېتىڭ ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى يېڭىباشتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى قۇدرەتنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش لازىم.

  تۈپ ئاساسىدىن ئېيتقاندا، تەرەققىياتنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس كۈچ – قۇدرىتى خەلق ئاممىسىدا. 900 مىليوندىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى، ئالىي مەلۇماتلىق ۋە كەسپىي ماھارەتكە ئىگە 100 مىليوندىن ئارتۇق ئىختىساس ئىگىسى بىزنىڭ ئەڭ زور بايلىقىمىز ۋە ئۈستۈنلىكىمىزدۇر. كونا قۇدرەت ئورنىغا يېڭى قۇدرەتنى دەسسىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقىغا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىدىغان تەرەپكە بۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم تولغاق ئەگىشىپ كېلىدىغان تەڭشەش جەريانى، ھەم ئۈمىدكە تولغان دەرىجە ئۆستۈرۈش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتسەكلا، جەزمەن جۇڭگو ئىقتىسادىنى يېڭىباشتىن جانلاندۇرۇپ، يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتالايمىز.

  كەلگۈسى بەش يىلغا نەزەر سالغىنىمىزدا، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قەرەلىدە يېتەلەيمىز، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ!

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …