ئاقسۇغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن 14 نەپەر فوتوگراف 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۇي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق لىشۇي فوتو سۆرەت بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا فوتو سۈرەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.
قوتوگرافلار پائالىيەت جەريانىدا جېجياڭلىق فوتوگرافلار بىلەن كەڭ-كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردى ھەم جېجياڭنىڭ تەيجۇ، خاڭجۇ، ۋېنجۇ، شاۋشىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە سۈرەت تارتىپ، ئۆز ئارا ئۆگەندى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى