باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچىدە ئەتىيازدا بەش سائەت قېلىن قار ياغدى

2016.03.04 14:38   مەنبە: خەلق تورى

ئۈرۈمچىدە ئەتىيازدا بەش سائەت قېلىن قار ياغدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە،3- مارت شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە قار ياغدى، شەھەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئاپئاق تونغا پۈركىنىپ، ئۈرۈمچى مەنزىرىسىگە ئالاھىدە گۈزەل تۈس قوشتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 3 - مارت سەھەر سائەت 5ئەتراپىدا باشلاپ، شەھەر رايونىنىڭ كۆپ قىسم جايلىرىدا قار ياغقان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 9دىن 58مىنۇت ئۆتكەندە شىۋىرغان سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى ئېلان قىلدى

  تاكى 3 - مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 6مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا قار ئاساسىي جەھەتتىن توختىدى، جەمئىي ھۆل - يېغىن مىقدارى 11.6مىللىمېتىر، يېغىلغان قار 16سانتىمىتىر قېلىنلىقتا بولۇپ، قاتتىق قار ياغدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…