خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم شەھىرى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىدە كەچلىك بازار تۆت پەسىلىدە توختىمايدۇ، ھەر كۈنى كەچ كىرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن يېمەك ئىچمەكلەر، شۇ جايدىكى ۋە باشقا جايدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. مارالبېشى ناھىيە بازىرى مەدەنىيەت يولى كەچلىك بازىرى ئۆزگىچە، تاڭغا يېقىن ئاخىرلىشىدۇ. شۇ جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ يەردىكى مەدەنىيەت يولى كەچلىك بازار تىجارەتچى كۆپ بولغاندا 100 دىن ئارتۇق بولىدىغانلىقىنى، ھەر كۈنى كىشىلەر ئېقىمى مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى دېدى. مارالبېشى ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى قاتناش تۈگۈنى، سودا تەرەققىي قىلغان. بۇ ناھىيەنىڭ « تائاملار شەھىرى» دېگەن نامىمۇ بار..
سۈرەتتە: مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ داڭلىق بېلىق كاۋىپى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى