باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى بېيجىڭغا يېتىپ باردى

2016.03.03 15:58   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى بېيجىڭغا يېتىپ باردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتناشقىلى ماڭغان ۋەكىللەر 2-مارت ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ باردى.بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىن كەلگەن ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى يەنىلا خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. قانداق قىلغاندا يەرلىكتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر ھەر يىلى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىدى. بۇلتۇر بىر يىلدىلا ئۇنىڭ توقۇمىچىلىق شىركىتى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 800گە يېقىن دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا باشلىدى.

  رەيھانگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەن دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ياردىمىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى ھەمدە يىپەك يولى كەسىپلىرى، چېگرا ئېغىزى ئىقتىسادىنى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بۇنىڭغا بىر قىسىم مايىل سىياسەتلەرنى بېرىپ، شىنجاڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەردان مۇقىيىت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەچچە يىلدىن بېرى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتى جەريانىدا دۆلەت نۇرغۇن قولايلىق سىياسەتلەر بىلەن قوللىدى. بىز « 13-بەش يىل» مەزگىلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، كەلگۈسىدە جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ بىر تۇتاش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، نامراتلىقتىن ئومۇمىيۈزلۈك قۇتۇلۇشىغا ئىشەنچىمىز كامىل، شۇنداقلا 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر 2–مارت ئايروپورتقا چىقىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرىنى ئۇزىتىپ قويدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…