خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-مارت، ئىنفانتىنو خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ باش شىتابىغا يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو ئۆزىنىڭ خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى باش شىتابىدىكى تۇنجى كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. ئىنفانتىنو بىر مەيدان پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى خاتېرىلەپ، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ سەتچىلىك ئۈزۈلمەسلىكتەك كونا دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پارلاق يېڭى دەۋرنى باشلاشنى ئۈمىد قىلدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى