خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: CBAنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 28-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يېزا ئىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى 96گە قارشى 93نومۇر بىلەن رەقىبى سىچۈەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئومۇمىي نومۇر 0:2نەتىجە بىلەن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىككى كوماندىنىڭ 3-قېتىملىق تىركىشىشى 2-مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا سىچۈەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى