باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق گېزىتخانىسى يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە كېلىپ، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، ئابونتلار تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلارنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرقەملىك تارقىتىش سىستېمىسىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىدىن پانۇس بايرىمىلىق ھال سورىدى. باش شۇجى ئۆز قولى بىلەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، خەلق گېزىتىنىڭ مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار سۇپىسى، ئابونتلار تېرمىنالىدا ھال سوراش سۆزى قىلدى. ئېكراندا ناھايىتى تېزلا تورداشلارنىڭ چېكىپ كۆرۈش قېتىم سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقى نامايان بولدى.