خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرىرى/ فوتوسى) ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىلنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ 14-فېۋرال ئوقۇغۇچىلارنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق كۈتۈپخانىغا ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا ئاپىرىپ كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتىگە تەشكىللەش، تەسىرات يازدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈردى.
سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار بايىنغولىن ئوبلاستلىق كۈتۈپخانىدا كىتاپ ئوقۇماقتا
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى