14-فېۋرال كەچتە، ھىندىستاننىڭ بومبايدىكى سەنئەت كېچىلىكى بولۇۋاتقان نەق مەيداندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئوت تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كېيىن كونترول قىلىنغان، ۋاقتىنچە ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. بۇ كېچىلىك ‹‹ھىندىستان ياسىمىچىلىق ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇ كۈنى كەچتە ‹‹ماخاراشترا كېچىسى›› ناملىق كېچىلىك بومباينىڭ جەنۇبىدىكى چوپاتى دېڭىز ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو چولپىنى ئامىتاب باچچاننىڭ نومۇر ئاياغلاشقاندىن كېيىنلا، سەھنىدە تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن.