خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرىرى، فوتوسى): شىنجاڭ توغراق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ باش لىدىرى، شىنجاڭدىكى تۇنجى مۇۋاپىقىيەتشۇناس، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىش تەتقىقاتچىسى ئىرادە يېتىلدۈرۈش تېرنىرى، ئابدۇراھمان پەتتار (ئەۋف) مۇئەللىم كورلا شەھىرىدىكى كارخانىچى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە بىنائەن 10-فېۋرال كورلا كىروران مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا پۈتۈن بىر كۈن«مۇۋاپىقىيەتنى رۇخسەت سوراپ ئېرىشمەيمىز» دىگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدى. لىكسىيە داۋامىدا ئابدۇراھمان پەتتار (ئەۋف) مۇئەللىم بۇ لىكسىيەگە قاتناشقان كارخانىچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ بەس-بەستە سورىغان سۇئاللىرىغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى غەيرىتى ۋە جاسارىتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى لىكسىيەگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيە شەھەرلىرىدىكى كارخانىچى ۋە يەككە تىجارەتچىلەردىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. ئەتىسى يەنى 11-فېۋرال ئابدۇراھمان پەتتار ئەۋف مۇئەللىم ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيە شەھەرلىرىدىن كەلگەن كارخانىچى، ۋە يەككە تىجارەتچىلەر كورلا قۇتيول ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى فەرۇخجان ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بايىنغولىن مۇھەممەت سودا چەكلىك شىركىتى، مەشرەپ قەغەز زاۋۇتى، قىياپەت ئەرلەر سالۇنى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ دەرس ئۆتتى، ۋە زىيارەتتە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى لىكسىيە پائالىيىتىنى بايىنغولىن مۇھەممەت سودا چەكلىك شىركىتى، مەشرەپ قەغەز زاۋۇتى ماددىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان.
سۈرەتتە: ئابدۇراھمان پەتتار ئەۋف مۇئەللىمنىڭ «مۇۋاپىقىيەتنى رۇخسەت سوراپ ئېرىشمەيمىز» دىگەن تېمىدا ئېلىپ بارغان لىكسىيە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى