12-فېۋرال، NBAدىكى جۇڭگولۇق سابىق ماھىر ياۋ مىڭ (ئوڭدا) ۋە NBAدىكى سابىق توپچى ئونىل 2016-يىللىق داڭلىق شەخسلەر سارىيى پائالىيىتىدە بىرگە سۆرەتكە چۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەيسىمىس ۋاسكېتبول داڭلىقلار سارىيى 12-فېۋرال 2016-يىللىق ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى بارچە چولپانلار مۇسابىقىسى مەزگىلىدە بۇ يىللىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئاخىرقى نامزات تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگولۇق ۋاسكېتبولچى ياۋ مىڭ ئىۋېرسون ۋە ئونىل بىلەن بىرگە نامزاتلىققا كىرگۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىللىق ۋاسكېتبول داڭلىقلار سارىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىسىملىكى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خيۇستۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ تەنتەربىيە جەمئىيىتى (NCAA) ۋاسكېتبول ئاخىرقى تۆت كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى