خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2016-يىللىق تەڭرىتاغدا ئۇچرىشىش» مۇنبىرى 30-يانۋار تەڭرىتېغى بوغدا كۆلىدىكى «خەيشى چېدىرى»دا باشلاندى. مۇنبەردە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەسەۋۋۇرى ۋە لىنىيەسى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يىپەك يولىنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەتلەر بىرىكىشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تېما مۇھاكىمە قىلىندى. گاۋ شىچىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى، ۋاڭ شى يېپىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى شەھەر ۋە كىچىك شەھەر-بازار مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى تيې مۇنداق دېدى: غەربىي شىمال، بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونى غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا سوزۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بار، ئىستىقبالى پارلاق.
شۇ كۈنى يەنە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى. بۇ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن ئايلىنىپ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.
2014-يىلى، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ساياھەتچى سانى 20 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن، 2015-يىلى بۇ سان 24 مىليونغا يەتكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش مۇھەررىرى لى ۋەنخۇي، «ئەلى بابا» گۇرۇھى مۇدىرىيىتى يېڭى تاراتقۇ ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ خېڭ، «سەيشۈن» گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىتى، قوشۇمچە «مالىيە»، «خارۋارد سودا ئوبزورى»نىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شياۋ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەبلەغ سالغۇچى تەرەپكە ۋاكالىتەن «چېگرىسىز تاراتقۇلار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى