خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تۈرىنىڭ ئاياللار شەخسلەر بويىچە قىسقا نومۇر كۆرسىتىش مۇسابىقىسى 28- يانۋار ئۆتكۈزۈلدى. ئېلىمىزنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تۈرىدىكى داڭلىق ماھىر لى زىجۈن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن67.51نومۇرلۇق ياخشى نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. خاربىن ماھىرى جاۋ زىچۈەن تۇيۇقسىز يىقىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، 55.87نومۇر بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، چىچىخار ماھىرى يۈەن تىيەنچى مىس مېدال ئالدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى