خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-يانۋار فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە قوش كىشىلىك تېيىلىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى. ئۈرۈمچى كوماندىسىدىكى يۈ شياۋيۈ بىلەن جىن ياڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى ئۈچۈن يەنە بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر كوماندىسى ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال 12گە يەتتى.ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ تۈردە چىچىخار كوماندىسىدىكى جاڭ يىن بىلەن جې جۇڭ كۈمۈش مېدالغا، فەن شىنشىن بىلەن ليۇ شىنزې مىس مېدالغا ئېرىشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى