خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (جىڭ ناھىيە تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربانجان مامۇت خەۋىرى) 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى جىڭ ناھىيە ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىگە كېلىپ تىزىملىتىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن جىڭ ناھىيە ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قىشلىق تەتىللىك كۇرسلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈردى، بىر قىسىم يېڭى دەرس تۈرىنى قوشتى ھەمدە ياش چەكلىمىسىنى ئەسلىدىكىدىن كېڭەيتتى.
ئالتە كۈنلۈك قىسقىغىنا ۋاقىتتا، پائالىيەت مەركىزىگە كېلىپ تىزىملىغان ئوقۇغۇچى سانى 580دىن ئاشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى