باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

فەن شيۇبىن: شىنجاڭنىڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىدە ئۈمىد زور

2016.01.26 15:24   مەنبە: خەلق تورى

فەن شيۇبىن: شىنجاڭنىڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىدە ئۈمىد زور

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 25 - يانۋار شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ 1000مېترغا تېيىلىش تۈرىدە بىر ئايال توختىماي مەيداندىكى ماھىرلارغا «بېلىڭنى رۇسلا، قولۇڭنىڭ ھەرىكىتى چوڭ بولسۇن، ئايلانمىدا كۈچە، يەنە بىر مەيدان قالدى، غەيرەت قىل! ...» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن قارىسا شەرقىي شىماللىقتەك، لېكىن ئۇ مەيلى خېيلۇڭجياڭ كوماندىسىدىكىلەر بولسۇن، مەيلى شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەر بولسۇن مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەربىر تەنھەرىكەتچىگە مەدەت بېرىۋاتاتتى. بۇ ئايالغا قىزىقىپ مۇسابىقە ئارىلىقىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ قالدىم.

  بۇ ئايال خاربىن شەھەرلىك تەنتەربىيە پەن - تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خاربىن شەھەرلىك خەلق تەن ساپاسىنى ئۆلچەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فەن شيۇبىن بولۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش تۈرىنىڭ پەن - تەتقىقات ۋە داۋالاش، كاپالەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەنىكەن.

  ___ بۇ قېتىم مېنىڭ شىنجاڭغا 3 - قېتىم كېلىشىم، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىناقلىققا تولغان مەغرۇر ھالىتى ماڭا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى،- دېدى فەن شيۇبىن ماڭا،- ئەزەلدىن پۈتكۈل مەيداندا شەرقىي شىمال تەلەپپۇزىدىلا پاراڭ بولىدىغان مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بارا - بارا شىنجاڭ تەلەپپۇزى كۆپەيدى، يەنە تېخى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئاۋازلارنى ئاڭلايدىغان بولدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەملىكەت سەھنىسىدا بارغانسېرى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دەسلەپتە شىنجاڭلىقلار تەنھەرىكەتچىلەر مەيداندا ئۆز تىلىدا سۆزلەشسە بىز ھەيران قالاتتۇق، كېيىن بارا - بارا كۆپىيىشى بىلەن كۆنۈپمۇ قالدۇق. ھەتتا بەزى گەپلىرىنى چۈشىنىدىغانمۇ بولۇپ قالدۇق.

  30يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، نەچچە نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپېك، ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى قىشلىق مۇسابىقىلەرگە بېرىپ قاتناشقان فەن شيۇبىننىڭ ئېيتىشىچە 10نەچچە نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا شەرقىي شىمال كوماندىلىرى پۈتكۈل مۇسابىقىدە ئاساسلىق نەتىجىنى ئېلىپ كەلگەن، مۇسابىقىمۇ ئاساسەن شەرقىي شىمال رايونىدىلا ئۆتكۈزۈلىنىپ كەلگەن بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن غەربىي شىمالدىكى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىنىشى دەسلەپتە ئۇلارغا قانداق بولار، شىنجاڭ مۇسابىقىنى قىلالارمۇ دىگەن ئەندىشىنى سالغان.

  ___ مۇسابىقە مەيدانلىرى پۈتكەندىن كېيىن بۇلتۇر مەن بۇ مەيداندا تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەن تېز سۈرئەتتە تېيىلىش تۈرىنىڭ سىناق مۇسابىقىسىغا كەلدىم، كېلىپ مەيدان شارائىتىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، ئەسلىھەلىرىنىڭ ناھايىتى ئىلغارلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا خەلقئارالىق سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئەندىشىلىرىم يوق بولدى. مېنىڭچە شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابقىسى ئۈچۈن تەييارلىغان مەيدانلىرى يېقىنقى 20يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئىچىدە مەيدان قۇرۇلۇشى، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى ناھايىتى ئېسىل بولغان مەيدان ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ قار لەيلىسى ھالىتىدە ياسالغان مەيدان قۇرۇلۇشى مېنى بەك قىزىقتۇردى. مەنمۇ بۇ قۇرۇلۇشلار ئالدىدا نۇرغۇن رەسىمگە چۈشۈپ ئۈندىدارىمدىكى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردىم، نۇرغۇن دوست بۇرادەرلەر رەسىملىرىمنى كۆرۈپ شىنجاڭنىڭ شۇنچە چىرايلىقىغا ھەيران قالدى، چوقۇم كېلىپ بىر كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،- دېدى فەن شيۇبىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ___ شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىدە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا سىز قانداق قارايسىز؟- دېدىممەن ئۇنىڭغا.

  __ شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇز ئۈستى تۈرىدىكى ماھارەت سەۋىيەسىنىڭ بۇنچە تېز تەرەققىي قىلىشى راستىنى دىگەندە ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىمۇ شىنجاڭلىق ماھىرلار ئېرىشكەن نەتىجىلەر مۇسابىقىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشى شىنجاڭنىڭ نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقىغا، مۇسابىقىنى مۇۋەپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىگە قىلغان ياخشى جاۋابى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن،- دېدى فەن شيۇبىن،- شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ بۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشىدا مېنىڭچە ئالدى بىلەن شىنجاڭ ماھىرلارنى تاللاشقا ئېتىبار بېرىپتۇ، ماھىرلارنىڭ تەن ساپاسى ناھايىتى يۇقىرى، شىنجاڭلىقلارنىڭ جاپاغا چىداش روھى ئۈستۈن ئىكەن، قار ئۈستى، مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى شىنجاڭلىقلار ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا قاتنىشىدىغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئۇندىن باشقا شىنجاڭنىڭ قار - مۇز شارائىتى شەرقىي شىمالدىن ياخشى بولسا بولىدىكەنيۇ، ھەرگىز ناچار ئەمەسكەن. شىنجاڭنىڭ شارائىت ئەۋزەللىكى، ئىقتىساسلىقلار ئەۋزەللىكى زور بولغاچقا مېنىڭچە شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىكى نەتىجىسى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور بولىدۇ. ئەگە شىنجاڭ مۇشۇ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلاپ قالسا، شىنجاڭلىق ماھىرلار بەلكىم 2022 - يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، شىنجاڭنىڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىدە ئۈمىد زور.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ