خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-يانۋار، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار كوللېكتىپ قوغلاش (ئالتە ئايلانما) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاياغلاشتى. چىچىخار كوماندىسى 3مىنۇت 07سېكۇنت 22دەقىقە نەتىجە بىلەن بۇ مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى، ئۈرۈمچى كوماندىسى 3مىنۇت 08سېكۇنت 03دەقىقە نەتىجە بىلەن ئىككىنچى بولدى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسى 3مىنۇت 08سېكۇنت 04دەقىقە بىلەن ئۈچىنچى بولدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى