خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 21- يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ماھىرى جاڭ شىن چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ فۇكاڭ مۇسابىقە رايونىدا شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
21 - يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش تۈرىدە ماھىرلار ئاتلىنىش ئالدىدا. شۇ كۈنكى مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى كوماندىسىدىكى يەن شىڭيۈەن 4 - لىككە ئېرىشتى. بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ سەككىز قېتىملىق مۇسابىقىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇنداق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
21 - يانۋار نەچچە كۈن ئۇدا ياغقان قار توختاپ تەڭرىتاغ «بوغدا» كۆلى مۇسابىقە رايونىدا قۇياش پارقىراپ چىقىپ مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشىگە ناھايىتى ياخشى شارائىت يارىتىلدى. سۈرەتتە: شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە بىر ماھىر ماھارەت كۆرسەتمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى