خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تۈرىنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر، ئاياللارنىڭ 1500مېتىر، 500مېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 21-يانۋار چۈشتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇلار ئىچىدە، قۇرامىغا يەتكەنلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئەرلەرنىڭ 1500مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى چېمپىيونى ۋۇجۇتقا كەلدى، چاڭچۈن شەھىرىدىن كەلگەن خەن تىيەن چېمپىيۇن بولدى.
قۇرامىغا يەتكەنلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئاياللارنىڭ 1500مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چىتەيخى شەھىرىدىن كەلگەن فەن كېشىن چېمپىيۇن بولۇپ، دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى ؛
قۇرامىغا يەتكەنلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئەرلەرنىڭ 500مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا جىلىن شەھىرىدىن كەلگەن ۋۇ داجىڭ ئېرىشتى.
قۇرامىغا يەتكەنلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئاياللارنىڭ 500مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چىتەيخى شەھىرىدىن كەلگەن فەن كېشىن چېمپىيۇن بولدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى