خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21 -يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:15ئۆتكەندە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تۈرىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئاياللارنىڭ 500مېتىرغا تېز تېيىلىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ۋۇجۇتقا كەلدى، خېيخې شەھەر كوماندىسىدىن چۈ چۇنيۈ چېمپىيۇن بولدى.
21-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئاياللارنىڭ 1500مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسىدىن لۈ شياۋتۇڭ چېمپىيۇن بولدى.
21-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:50ئۆتكەندە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئەرلەرنىڭ 500مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن ۋۇجۇدقا چىقتى، خاربىن كوماندىسىدىن ما ۋېي مۇسابىقىدە چېمپىيۇن بولدى.
21-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئەرلەرنىڭ 1500مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە خاربىن كوماندىسىدىكى رېن زىۋېي 2مىنۇت 14سېكۇنت 843دەقىقە نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى