ئالتاي خەلقئارا قار-مۇز ساياھىتى ـــــ ‹‹بۇرچىندىكى قار-مۇز رىۋايىتى›› يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 18-يانۋار بۇرچىن ناھىيەسى جۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستانى كوچا مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق ‹‹بۇرچىندىكى قار-مۇز رىۋايىتى›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ‹‹رىۋايەتتىكى بۇرچىن ـــ ئاجايىپ قاناس›› فوتوسۈرەت مۇسابىقىسى تەقدىرلەش مۇراسىمى ۋە ‹‹قىروۋ يۇرتى›› 2-نۆۋەتلىك مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە ئايرىلغان. شۇ كۈنى ‹‹قىروۋ يۇرتى›› چۇڭقۇر بازىرىدا ئات بەيگىسى، چانا تارتىش، ئوغلاق تارتىشىش، ئارغامچا تارتىشىش، قول قايرىشىش، تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش، قار ئۈستىدە ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مول، رەڭدار مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىلدى.