خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 17-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى (BBC) لەن دەيتوننىڭ 1978-يىلى نەشىر قىلدۇرغان «SS-GB» ناملىق ھېكايىسىگە ئاساسەن، ناتسىسلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يېڭىپ، لوندوننى ئىشغال قىلغان ۋەقەلىكى پەرەز قىلىنغان 5 قىسىملىق قورقۇنچلۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۆرەتكە ئالدى.
سۆرەتكە ئېلىش مەيدانىدا گېرمانىيەنىڭ «ئوت پۈرگىگۈچ» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بوككىنھام سارىيى ئالدىدا توختىتىلدى، «ناتسىس ئەسكەرلىرى» كوچىدا قوراللىق چارلىدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى Sid Gentle كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى سۆرەتكە ئالغان بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئەنگىلىيەلىك رازۋىتچىك دوگلاس ئارچېرنىڭ بىر قېتىملىق قاراڭغۇ بازاردىكى قاتىللىق دىلوسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ناتسىسلارنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلەنگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى