خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى تەيۋەن جيايى، ساياھەتچىلەر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ شەكىللىك چېركاۋ ئالدىدا سۆرەتكە چۈشمەكتە. بۇ چېركاۋ جيايى شەھىرىنىڭ بۇدەي بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېگىزلىكى 17 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 11 مېتىر كېلىدۇ، جەمئىي 23 مىليون تەيۋەن پۇلى (تەخمىنەن 45 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) سەرپ قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ ئايدا تاماملانغان، دېھقانلار كالېندارىدىكى يېڭى يىل مەزگىلىدە ئېچىۋېتىلىش پىلانلانغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ھازىر سىرتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلسا بولىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى