ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس
ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى 1929-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپكى نەچچە يىلدا مىستىن ياسىلاتتى، كېيىن مىس-نېكىل قېتىشمىسىدىن ياسالدى. ئاخىرىدا كىچىك ئالتۇن ھەيكەل 24كاراتلىق يالتىراپ تۇرىدىغان ئالتۇن ھەيكەلگە ئايلاندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گەجدىنمۇ ياسالدى، بىراق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردىن ھەقىقىي ئالتۇن ھەيكەل ئالماشتۇرۇپ بېرىلدى.
مۇكاپات لوڭقىسى ئەمەلىيەتتە پۇلغا يارىمايدۇ
ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئىقتىساد نۇقتىسىدىن قارىغاندا شۇنداق. گەرچە ئالتۇندىن ياسالسىمۇ، بىراق 1950-يىلدىن باشلاپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بۇ مۇكاپات لوڭقىسىنى سېتىش چەكلىنىش ھەققىدىكى بىر تۈرلۈك كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشى كېرەك بولدى. ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مۇكاپات لوڭقىسىنى ساقلىمايدىغان بولسا، ئاكادېمىيە لوڭقىنى قايتۇرىۋالىدۇ، بىراق قايتۇرۇۋېلىش باھاسى پەقەت بىر ئامېرىكا دوللىرى. ئەمما ئىلگىرى كىشىلەر قاراڭغۇ بازاردا ناھايىتى قىممەت پۇلغا سېتىلغان مۇكاپات لوڭقىسىنى كۆرگەن.
ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ كۆرسىتىش
1953-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى تۇنجى قېتىم تېلېۋىزوردا نەق مەيداندىن ئۇلاپ كۆرسەتتى. 8يىلدىن كېيىن، ئوسكار مۇكاپاتى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 30يىللىقىنى خاتېرىلەش ئۈچۈن، بېۋىرلى خىلتون مېھمانخانىسىدا ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش تۇنجى مەيدان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
تۇنجى تەلەيلىك شەخس
1929-يىلى ئەمىل جەننىڭس «ئاخىرقى بۇيرۇق» ۋە «بارچە كىشىلەر يولىدا» ناملىق كىنودىكى ئىپادىسى بىلەن تارىختىكى تۇنجى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.