ئوسكار تاغا مۇكاپاتى
ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ رەسمىي نامى كىنو سەنئىتى ۋە پەنلىرى ئاكادېمىيەسى مۇكاپاتى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە لايىھەلىگۈچى ئەينى چاغدا كىچىك ئالتۇن ئادەمنى لايىھەلىگەندە ھىچقانداق مودېلنى تەقلىد قىلمىغان. بىراق ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاكادېمىيەنىڭ بىر كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىسى كىچىك ئالتۇن ئادەم ھەيكىلىنى ئۆزىنىڭ تاغىسى ئوسكارغا بەكلا ئوخشايدىكەن، دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى دېگەن بۇ ئىسىم ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئىكەن. يەنە بىر خىل قاراشتا، ئىككى نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بەتتى دەيۋىس بۇ ئىسىمنى قويغان دېيىلىدۇ.
چوڭ كىچىكلىكى مۇھىم ئەمەس
34سانتىمېتىرلىق ئېگىزلىكى ۋە 3.85كىلوگراملىق ئېغىرلىقى ھەقىقەتەنمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ خوشاللىقى ۋە مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ ئەپسۇسلۇقى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. لايىھەلىگۈچى ئەينى چاغدا بەلكىم بۇ كىچىك ئالتۇن ئادەمنىڭ بۇنچىلىك كۆپ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزەر نۇقتىسى بولغان چولپانلارمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئىستىكىنى يۇشۇرالمايدۇ، ھامان بىر كۈنى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.