خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى باھالاپ چىققان، ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان 2015-يىللىق ئۇيغۇر«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، قازاق، قىرغىز "دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى"، موڭغۇل "ئالتۇن ئۆزۈڭگە ئەدەبىيات مۇكاپاتى"نى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 15-يانۋار ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇھەممەتجان راشىدىن، ئەسئەت سۇلايمان، خۇماربېك دۈكەن قاتارلىق 20يازغۇچى، شائىرنىڭ 20پارچە ئەسىرى مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: مۇكاپاتلانغانلار مۇكاپات ئالماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى