خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئالتاي قار-مۇز دۇنياسى باغچىسى 16-يانۋار كەچتە ئالتاي شەھىرىدىكى گېنېرال تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا رەسمىي ئېچىلىپ مېھمانلارنى جەلب قىلدى. نەق مەيداندا ئايال ئىلاھ ئافېنا، ياۋروپاچە قۇرۇلۇش، 12 مۈچەل قاتارلىق نۇرغۇن مۇز ئويما ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
ئىلگىرىكى يىللاردىكى قار-مۇز دۇنياسى پائالىيىتىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول» دىن ئىبارەت يېڭى ئەسەر قوشۇلغان، ئەسەردە دېڭىز ئۈستىدىكى يىپەك يولى بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن، مەسىلەن، ياۋاغاز مۇنارى قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان شىئەنگە ۋەكىللىك قىلغان؛ چاقپەلەك ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولغان گوللاندىيەگە ۋەكىللىك قىلغان، يىپەك يولى بېسىپ ئۆتىدىغان جايلاردىكى ئىمارەتلەر بىرلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئىپادىلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق قار-مۇز دۇنياسى پائالىيىتىگە جەمئىي 6000 كۇب مېتىر مۇز ئىشلىتىلگەن، 16 گۇرۇپپا، 150 تىن ئارتۇق ئويما ئەسەر كۆرگەزمە قىلىنغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ت.ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى