خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-يانۋار، ئامېرىكا كالىفورنىيەدە، ئارتېس جون كراسىنسكى (سولدا) ۋە ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى شېرلىي بۇن ئايزېكس (ئوڭدا) 88-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى كىنو نامزاتىنى ئېلان قىلدى، لېئوناردو دېكاپريو باش رول ئالغان «تىرىلگۈچى» 12 تۈرلۈك نامزاتلىققا ئېرىشىپ، نامزاتلىق تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.
شۇ كۈنى 88-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئاساسىي مۇكاپات تۈرلىرى نامزاتلىرى ئامېرىكا ھوللىۋۇد بېۋىرلىدىكى سەمىيۇل گولدۋىن تىياتىرخانىسىدا ئېلان قىلىندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى