خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لوپنۇر كۆلى شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى 7بالدىن يۇقىرى شاماللىق كۈن سانى 200دىن ئاشىدۇ؛ يىللىق ھۆل يېغىن مىقتارى ئاران مىللىمېتىر بولسىمۇ، ھورلىنىش مىقتارى 4800مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ؛ قۇرغاق يەر يۈزى ئاپئاق تۇز بىلەن قاپلانغان، تاتلىق سۇ يوق، ھاياتلىقمۇ يوق. بىراق «ئۆلۈم دېڭىزى» دەپ ئاتالغان بۇ تۇپراقتا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇلفاتلىق تۇز تۈرىدىكى كالىيلىق سۇ كېنى بايقالدى. بىر تۈركۈم دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار خېمىيە سانائەت ئىقتىساسلىقلىرى راھەت تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ، لوپنۇر كۆلىگە كېلىپ ماكانلاشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى