خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- يانۋار، شىنجاڭ غۇلجا ناھىيىسى يېڭىتام يېزىسى ئاق قۇ بۇلىقىدا قىشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كەلگەن ئاق قۇلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى.
بۇ ئاپئاق جانىۋارلار گاھىدا ئوينىشىپ، گاھىدا جىمجىتقىنە سۇ ئۈزۈپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزدى.ئاق قۇ بۇلاق جايلاشقان غۇلجا ناھىيەسى يېڭىتام يېزىسى شاخلىق كەنتى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كۆل سۈيى يەر قاتلىمىدىكى ئارىشاڭدىن كەلگەچكە، قىش پەسلىدە مۇز تۇتمايدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 10 - ئايدىن ياندۇرقى يىلى 4 -ئايغىچە، ئاق قۇلار بۇ يەردە ماكانلىشىپ قىشتىن ئۆتىدۇ، سانىمۇ دەسلەپكى بىر نەچچىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى يۈزگە كۆپەيدى. ھەر يىلى ئاق قۇلار قىشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇچۇپ كەلگەندە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن زور بىر تۈركۈم فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كىلىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلىدۇ. ئاق قۇلار ھەر كۈنى كەنت ئاسمىنىدا لەرزان پەرۋاز قىلىپ،بىر گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى