خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى20- يانۋار باشلىنىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزى تېز تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇلۇپ، نۆۋەتتە ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نومۇرلار ھازىر جىددىي رەپىتىس قىلىنماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ئېچىلىش مۇراسىمى مۇقەددىمە « قار - مۇزنى كېسىپ ئۆتۈش » دىن باشلىنىپ، ئارقىدىن « قار - مۇز مىھرى » ، « تەڭرىتاغقا مۇھەببەت » ۋە « جۇڭگو ئارزۇسى » قاتارلىق نومۇرلار ئورۇندىلىپ، « قۇياش نۇرىغا چۆمگەن يىپەك يولى » بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، جەمئىي بەش بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 600دىن كۆپ كەسپىي ئارتىس قاتنىشىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى