باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4–يىغىنى 2–قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ‹‹ئىككى مەھكىمە›› نىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2016.01.14 14:48   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4–يىغىنى 2–قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى 13 – يانۋار چۈشتىن كېيىن 2 – قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، نىزام سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق؛ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشىلىدۇق؛ مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق؛ ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتتۇق؛ بىر يىلدىن بۇيان، بىز 16 قائىدە – نىزامنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدۇق ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلىدۇق؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە بولغان بەش يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزدۇق؛ ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىن 12نى ئاڭلىدۇق ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقتۇق، 19 قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، كۆزدىن كەچۈردۇق؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى 230 ۋەكىلىنى سىستېمىلىق تەربىيەلىدۇق؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ماسلىشىپ، ئالتە قانۇن لايىھەسىگە پىكىر ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلىدۇق؛ 50 نەچچە تايانچ كادىرنى ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىگە قاتناشتۇردۇق؛ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر بەرگەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتى بېكىتكەن سەككىز تەكلىپ، 845 تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى؛ ‹‹12 – بەش يىل››دا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نىزام چىقىرىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن نىزام چىقىرىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندالدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا باسقۇچلۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۇنجى يىلى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى؛ نىزام سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نىزامنىڭ يېتەكلەش، قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى؛ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى؛ ۋەكىللەر خىزمىتى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى؛ قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق – تەربىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى؛ سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇشنى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قانۇن يۈرگۈزۈشتە پۇقرالارنى كۆزلەش ۋە قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش خىزمەت نىشانى بويىچە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ھەر بىر دېلودا ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى جەمئىي 434 مىڭ 616 دېلو قوبۇل قىلىپ، 385 مىڭ 776 سىنىڭ سوتى ۋە ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە دېلو ئاياغلاشتۇرۇش نىسبىتىنى%99.9 كە يەتكۈزدى؛ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 6754 دېلو قوبۇل قىلىپ، 6173 ىنىڭ سوتى ۋە ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇردى؛ بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە پۇقرالارنى كۆزلەش، ئادىل يۈرگۈزۈش، قەتئىي يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشۇننى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، تىنچ شىنجاڭ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 2015 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارىتىدە تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە تەپتىش خىزمىتىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى؛ تۈرلۈك جىنايى ئىشلار جىنايەت گۇماندارىدىن 34 مىڭ 568 نى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ، 49 مىڭ 75 نى ئەيىبلىدى؛ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك 806 دېلودىكى 945 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلدى؛ دەۋا پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللاردىن 492 نى، جىنايى جازانىڭ ئىجراسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالدىن 201 پارچە (قېتىم)نى نازارەت قىلىپ تۈزەتتى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 2016 – يىلى پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى، دەۋا پائالىيىتىدىكى قانۇنىي نازارەتچىلىكنى، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىناۋەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى سادىق ئىجرا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئىزاھاتى بېسىپ تارقىتىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ سايلاش ۋە ئاۋازغا قويۇش چارىسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، زۇنۇن ئەكبەر، ئابدۇرېھىم ئابلىز، دۇ ۋەنگۇي، ئابدۇقېيۇم مەمەت، يەن گوسەن، چيۇ شۇخۇا، بورە، پەرھات ئىبراھىم رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى