خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزى ئورگان مىكروبلوگنىڭ 11-نويابىردىكى خەۋىرى: ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارلىقى 520 كىلومېتىر كېلىدىغان سايرام كۆلى بەئەينى كۆك ياقۇتتەك تەڭرىتاغ ئېتىكىنى نەقىشلەپ، قىشتىكى گۈزەل تەبىئەتكە ئۆزگىچە ھۆسىن قوشىدۇ. كۆل قىرغاقلىرىغا تەتۈر ئېسىلغان مۇز مونچاقلىرى قېلىن قار بىلەن كۆل سۈيى ئوتتۇرىسىدا خۇددىي رىۋايەتلەردىكىدەك «يۆگىمە ئۈنچە پەردە»نى ھاسىل قىلىپ، ھەيۋەت مەنزىرە قوينىدا چاقناپ تۇرىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى