خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فوتوگراف رياننون لوگسدونس ئىشلىگەن بۇ ئالاھىدە بالىلار سۆرەتلىرىدە، بالىلار خۇددىي بىر تىلسىملىق چۆچەتكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك مەنزىرە پەيدا بولدى. بەزى بالىلار دېنوزاۋىرغا مىنىۋالدى، بەزىلەر قوڭۇر ئېيىق بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتى، يەنە بەزى بالىلار ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چۆچەكلەردىكى ئوبرازلارغا ئايلىنىپ قالدى. نۇرغۇن سۆرەتلەرنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۈرى دەل مۇشۇ بالىلارنىڭ سەبىي تەسەۋۋۇرىدىن كەلگەن بولۇپ، 35 ياشلىق فوتوگراف رياننون لوگسدونس ئاۋۋال بۇ بالىلارنىڭ سۆرەتلىرىنى تارتىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئالتىدىن سەككىز سائەتكىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن سۆرەتلەرنى ئىشلەپ چىقتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى