خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 2015-يىلللىق ئەڭ نادىر ئەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتى (ئالتۇن توپ مۇكاپاتى)نى تارقىتىش مۇراسىمى شۇ يەر ۋاقتى 11-يانۋار كەچتە شۋېتسارىيەنىڭ سيۇرىختا ئۆتكۈزۈلدى، ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى مېسسى بەشىنچى قېتىم بۇ شەرەپكە نائىل بولۇپ، پۇتبول تارىخىدىكى تۇنجى بەش قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماھىر بولۇپ قالدى.
ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى 209 ئەزا جەمئىيەتلەرنىڭ كوماندا باشلىقلىرى، تېرىنېرى ۋە بېكىتىلگەن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئىچىدىكى ئۈچ نەپەر نامزات ئىچىدىن بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلىنغان نەتىجىدە، ئالقىش ساداسى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېسسى زور ئۈستۈنلۈكتىكى بېلەت (%41.33) بىلەن كرېستيانو رونالدو (%27.76) ۋە نېرمار (%7.86)نى يېڭىپ، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى