باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كىلاسسىك ئەسەرنىڭ زامانىمىزدىكى جۇلاسى

2016.01.12 11:31   مەنبە: خەلق تورى

كىلاسسىك ئەسەرنىڭ زامانىمىزدىكى جۇلاسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى يېقىندا قازاق يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى شائىر، يازغۇچى، پەيلاسوپ _ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ئاباي قونانباي دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 170 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قىممەتلىك ئەسەر «ئاباينىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى»نىڭ قازاقچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئۈچ خىل تىلدىكى ئاۋازلىق نەشرىنى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. بىز قىممەتلىك ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىش مەقسىتىدە بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

  بۈيۈك ئەسەرنىڭ روياپقا چىقىشى

  ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر بۈيۈك ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشتىكى مەقسىتىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز 2003-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. 2012-يىلى «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت شاھانە ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئىشلەپ خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنىدۇق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شىركىتىمىز «سۇتۇق بۇغراخان»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ ئاۋازلىق نەشرىنى، «بىر يول بىر بەلباغ» تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئىشلىدۇق. بۇ يىل بىز قازاق خەلقىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «ئاباينىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى»نىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئاۋازلىق نەشرىنى ئىشلەپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۇق. ئاباي قازاق خەلقىنىڭ تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرى، شائىر، ئالىمى. ب د ت پەن-مائارىپ تەشكىلاتى 1995-يىلىنى «ئاباي يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن دۇنيادا ئاباينى ئەسلەش، ئابايدىن ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، «ئاباي يىلى»نىڭ 20 يىللىقى، شۇنداقلا ئاباي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 170 يىللىقىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدىكى تەبرىكلەش، ئەسلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا، ئاباي ھېكمەتلىرىدە ھاياتقا قىزغىن بولۇش، ھاياتتا سەمىمىي بولۇش، ئىلىم ئۆگىنىشتە بەدەل تۆلەشتىن قاچمايدىغان بولۇشتەك روھ تەشەببۇس قىلىنغان. بىز مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «ئاباينىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى»نىڭ ئاۋازلىق نەشرىنى تەييارلاپ چىقتۇق. ئىنتېرنېت دەۋرىدە ھەممە نەرسە ئۇلىنىپ كەتتى. بىلىم مەيلى قايسى مىللەت، قايسى رايوندا بولسۇن ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مۈلۈكى، باشقا مىللەتلەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئۆگىنىش، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشمۇ بىلىم ئىگىلەشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، شۇڭا بىز ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەنىۋىيىتىگە پايدىسى بولار، دېگەن ئۈمۈتتە «ئاباينىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى»نى ئۈچ خىل تىل، ئۈچ خىل يېزىقتا نەشر قىلدۇرۇپ بازارغا سالدۇق.

  مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دولقۇن قادىر مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە، تىبەتچە، چاۋشيەنچە، قازاقچە، خەنزۇچە بىر نەچچە خىل تىلدا ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال نەشرىيات. نۆۋەتتە نەشرىياتىمىزنىڭ مۇھىم خىزمىتى سۈپىتىدە «ئاباينىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى»نىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى ئاۋازلىق نەشرىنى نەشر قىلدۇق. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئاباي پەقەت قازاق خەلقىنىڭلا ئالىمى، پەيلاسوپى، شائىرى بولۇپ قالماي بەلكى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئالىمى. ئاباي يۈز يىل بۇرۇنلا ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز مىللىتىنىڭ كىملىك مەسىلىسىدە تەپەككۇر قىلىپ، خەلقنى ئويغىنىشقا دەۋەت قىلغان. ئاباي كىچىكىدىنلا رۇسچە، ئەرەبچە، پارىسچە كىتابلارنى كۆپ كۆرگەن ھەم نەزەر دائىرىسى ئېچىلىپ، دۇنيا قارىشى مۇكەممەللەشكەن. ئاباينىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بولالىشىدىكى ئاچقۇچ دەل ئۇنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىدا ھەم مەدەنىيەت ئالماشتۇرغانلىقىدا. توغرا ئىلغار ئىدىيەنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن زۆرۈر. بىز ئاباينىڭ بۇ خىل روھىنى تەشۋىق قىلىشىمىز ھەم ئۆزىمىزمۇ شۇ خىل روھ بىلەن باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر «ئاباي ھېكمەتلىرى»گە يۇقىرى باھا بەردى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان بۇ خىزمەتكە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئاباي 1845-يىلى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 170 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئېلىمىز جۇڭگو شىنجاڭدا ئاباي ھەققىدە خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى، يەنە كېلىپ ئاباي ھېكمەتلىرىنىڭ قازاقچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە دېكلاماتسىيە نۇسخىسىنىڭ مەخسۇس ئىشلىنىپ بۇ پائالىيەتكە تەقدىم قىلىنىشى «گۈل ئۈستىگە گۈل چەككەندەك» ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى.

  ئاباي قونانباي قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى، چوڭ شائىر، ئۇ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئۇلۇغ زات. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تەپەككۇرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، پىكىرلىرىنىڭ يېڭى ۋە ئىجادىيلىقى بىلەن ئەقلىيە سۆزلىرىگە، ئاتىلار سۆزلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن، ئەجداد ۋە ئەۋلادنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا سىڭىپ كەتكەن. ئۇنىڭ شانلىق ئوبرازى قازاقىستان كىشىلىرىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئوبراز ۋەكىلىگە ۋە ئەڭ جەلپكار ماركىسىغا ئايلانغان. شۇڭا نۆۋەتتە ئاباينى خاتىرىلەش، ئاباي ھېكمەتلىرىنى قايتا ئۆگىنىش رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئاباي ھېكمەتلىرى ئۇيغۇر تىلدا كىتابچە بولۇپ نەشر قىلىنغاندا، مەن ئاباينىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇپ كۈچلۈك تەسىرلەنگەن ئىدىم، بۇ تەسىرات بالا چاغلىرىمدا ۋە ياشلىقىمدا ئوقۇغان مۇختەر ئەۋىزۇۋنىڭ «ئاباي» ۋە «ئاباي يولى» ناملىق رومانلىرىدىن ئېرىشكەن ئاباي چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

  ئاباينىڭ يازغان ھېكمەتلىك سۆزلىرى قازاق يازما ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان قىممەتلىك ئەسەرلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرى ئۆزىدىكى چوڭقۇر مەنا، تىرەن ئەقىل ۋە كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئورتاق بايلىقى ھېسابلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر گەرچە بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىپ يورۇق يۇلتۇزدەك چاقناپ كەلمەكتە. ئاباي ئۆزىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق تۇرمۇش چىنلىقىنى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن رېئالىستىك يازغۇچى بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلقنىڭ غەم – قايغۇسىنى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنىمۇ كۈيلىگەن تالانت ئىگىسىدۇر، ئۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدە قازاق خەلقى ئارىسىدىكى نادانلىقنى، ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇققا، خىيانەتچىلىك، ئەيش – ئىشرەتكە پېتىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە بۇ ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىققان سەۋەبلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ، ناچار پىسخىكلارنى تۈگىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىدۇ. ئاباينىڭ بۇ ھېكمەتلىرىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق بىر كىشى ئاباينىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ سۈپىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلاۋاتقاندەك، ئۇلارنى ياخشىلىققا چاقىرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلمەي قالمايدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، ئاباينىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ھازىرمۇ يالغۇز قازاق خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بىر ئەينەك دېيىشكە بولىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىزچىل تەرەققىيات ئىچىدە راۋاجلىنىپ كەلمەكتە، لېكىن يۇرتىمىزدا ئاز بىر قىسىم كىشىلەر سوپى-ئىشانلىقنى داۋام ئېتىپ، جەمئىيەتتىن، رېئال ھاياتتىن چەتنەپ ئەسەبىيلىشىپ تېررورلۇق، زوراۋانلىق پاتقىقىغا پاتماقتا. مانا مۇشۇنداق ھەق –ناھەقنى پەرق ئېتەلمەيۋاتقان، ئۆز يولىنى تاپالمايۋاتقان بىر قىسىم نادان، بىلىمسىز كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاشتا بىز يەنىلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ئىلىم - مەرىپەتنى تەكىتلەيدىغان، يېڭى دەۋرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نەشر بۇيۇملىرىغا موھتاج.

  قازاقلار «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەمگىكىدىن سۆيۈندى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى سىياسىشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، پىروفىسسور، دوكتور رەھىمجان ساۋۇت مۇنداق دېدى: ئاباي قونانباي قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرى، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئۇلۇغ زات. ئاباي قازاق ئەدەبىياتىغا بولۇپمۇ قازاق يازما ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغۇچى، ئۇنىڭ سۆزلىرى پىكىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە سىڭىپ كەتكەن، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ھېكمەتلىك ئەقلىيە سۆزلىرىگە ئايلانغان. ئۇ پەقەت قازاق خەلقىنىڭ پەخرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق بايلىقى. 19-ئەسىردىكى قازاق يايلاقلىرىدا ئاباي ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىگە توغرا باھا بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىدا پەقەت ئۆزىمىزنى توغرا تونۇيالىساقلا ئاندىن بىز باشقىلارغا توغرا باھا بېرەلەيدىغانلىقىمىز تەكىتلىنىدۇ. ئۆزىمىزنى توغرا تونۇپ كەمچىلىكلىرىمىزگە دادىللىق بىلەن يۈزلەنگەندە ھەم ئۇنى تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلالىغاندىلا ئاندىن تەرەققىي قىلغان مىللەت ۋە دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىمىز تەكىتلىنىدۇ. «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى ئالىمىمىز ئاباي قونانباينىڭ «ھېكمەتلىك سۆزلىرى»نى ئۈچ خىل تىلدا ئاۋازلىق نەشر قىلىپ قازاق خەلقىنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. بۇ گۆھەر باشقا مىللەتلەرنىڭ قازاق مىللىتىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاق مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  كونا مائارىپچى، يازغۇچى، پىروفىسسور سۇلتان جامبۇلات مۇنداق دېدى: «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئاباينىڭ ئەقىليە سۆزلىرىنى دېسكىغا چۈشۈرۈپ تارقىتىپ ھەم ئاباينى ئەسلەيدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ياشلىرىمىزغا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى چوڭ بولغان بىر ئىشنى قىلدى. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق. بۈگۈن ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغىنى - ئاباينىڭ ھېكمەتلىرىدىن دەۋر ئۆزگەرگەندىن كېيىن يېڭىچە دەۋرگە يېڭىچە مۇئامىلە قىلىش خۇسۇسىيىتى بولدى. بۇ ھېكمەتلەردىن ياشلىرىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەقىليە سۆزلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يېڭى زامانغا قانداق ماسلىشىشنى، زامانغا بېقىپ يول تۇتۇشنى بىلىۋالالايدۇ. شۇڭا ئاباينىڭ ئەسەرلىرىنى قايتىدىن ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشمۇ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى